UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى شەھەرلەربېيرۇت

بېيرۇت

دۇنيادىكى شەھەرلەر لىۋان جۇمھۇرىيىتىنىڭ پايتەختى، دۆلەتنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت مەركىزى، ئوتتۇرا شەرقتىكى مۇھىم پورتلارنىڭ بىرى، شۇنداقلا مۇھىم خەلقئارا پۇل مۇئامىلە ھەم سودا بازارلىرىنىڭ بىرى. پورتقا چوڭ تىپتىكى ئوكيان پاراخوتلىرى كىرىپ توختىيالايدۇ، شەھەردە توقۇمىچىلىق، كىيىم - كېچەك، تېرە - خۇرۇم، يېمەك - ئىچمەك، نەشرىياتچىلىق قاتارلىق سانائەت ئورۇنلىرى بار. خەلقئارا ئايرودرومى بار. بېيرۇتنىڭ ئاھالىسى بىر مىليون 500 مىڭدىن ئاشىدۇ (1983)، بېيرۇت دېگەن نام قەدىمىي فىنكىيىلىكلەرنىڭ Peroth ياكى گرېكلارنىڭ berytos سۆزىدىن كېلىپ چىققان بولۇپ، قۇدۇق، بۇلاق دېگەن مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ. قەدىمدە ھازىرقى بىيرۇت شەھىرى جايلاشقان ئورۇندا قۇدۇقلار ناھايىتى كۆپ بولۇپ، يەرلىك خەلق قۇدۇق سۈيىدىن تېرىقچىلىق ۋە تۇرمۇش ئېھتىياجى ئۈچۈن پايدىلانغان.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى شەھەرلەر
بېيرۇت | UyghurWiki | UyghurWiki