UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى شەھەرلەربۇتان

بۇتان

دۇنيادىكى شەھەرلەر ھىمالايا تېغىنىڭ جەنۇبىي ئېتىكىگە جايلاشقان تاغلىق دۆلەت. ئۇنىڭ شىمال تەرىپى دۆلىتىمىزنىڭ شىزاڭ ئاپتونوم رايونى بىلەن، غەربى سىككىم، جەنۇبى ھىندىستان بىلەن چېگرالىنىدۇ. يەر مەيدانى 46 مىڭ كۋادرات كىلومېتر كېلىدۇ. يېرىنىڭ كۆپ قىسمىنى تاغلىقلار ئىگىلەپ تۇرىدۇ. ئۇنىڭ يەر ۋەزىيىتى شىمالدىن جەنۇبقا قاراپ پەسىيىپ بارىدۇ. شىمالدىكى ھىمالايا تاغلىرى يىل بويى قار بىلەن قاپلىنىپ تۇرىدۇ. ئوتتۇرا قىسمىدىكى دەريا ۋادىلىرى بىلەن جەنۇبىي قىسمىنىڭ ئىقلىمى يىللىق نەم بولۇپ، قېلىن ئورمان بىلەن قاپلىنىپ تۇرىدۇ، ئورمان بىلەن قاپلىنىش نىسبىتى 71% گە يېتىدۇ. ئۇنىڭ بىرى تاغلىق، مەنزىرىسى گۈزەل بولغانلىقتىن <شەرقتىكى شۋېتسارىيە> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بۇتاننىڭ ئاھالىسى بىر مىليون 450 مىڭدىن ئاشىدۇ (1985)، بۇنىڭ % 80 نى بۇتانلىقلار، قالغىنىنى نېپالىقلار ئىگىلەيدۇ، ئاھالىنىڭ كۆپى لاما دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ. بۇتان تىلى بىلەن نېپال تىلىدا سۆزلىشىدۇ، ئىنگلىز تىلىنمۇ قوللىنىدۇ. بۇتان بۇرۇن كىنەزلىك دۆلەت ئىدى. 18 - ئەسىردىن باشلاپ ئەنگلىيىلىكلەر بۇتانغا بېسىپ كىرىشكە باشلىدى. 1910 - يىلى بۇتان بىلەن ئەنگلىيە ئوتتۇرىسىدا تۈزۈلگەن كېلىشىم بويىچە بۇتان تاشقى ئىشلار جەھەتتە ئەنگلىيىنىڭ باشقۇرۇشىغا بويسۇنۇشقا مەجبۇر بولدى. 1949 - يىلى 8 - ئاينىڭ 8 - كۈنى ھىندىستان بىلەن بۇتان ئوتتۇرىسىدا تۈزۈلگەن شەرتنامە بويىچە تاشقى ئىشلار جەھەتتە ھىندىستاننىڭ باشقۇرۇشىغا بوي سۇنىدىغان بولدى. 1971 - يىلى 9 - ئايدا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا، 1973 - يىلى ئىتتىپاق تۈزمىگەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا ئەزا بولدى. بۇتان دېگەن نامغا كەلسە، ئۇ سانسىكرت تىلىدىكى بۇتانتا دېگەن سۆزىدىن كېلىپ چىققان بولۇپ، شىزاڭنىڭ ئاخىرىغا ياكى شىزاڭنىڭ چېتىگە جايلاشقان دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. بۇ نام شۇ ئورۇننىڭ جۇغراپىيىلىك ئورنىغا ئاساسەن قويۇلغان. بۇتان يېزا ئىگىلىك دۆلىتى، ئاھالىنىڭ % 93 ى يېزا ئىگىلىكى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. يېزا ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىيات سەۋىيىسى تۆۋەن. يېزا ئىگىلىكىدە دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىقنى ئاساس قىلىدۇ. دېھقانچىلىقىدا شال، بۇغداي، كۆممىقوناق، ئارپا قاتارلىق زىرائەتلەر ئۆستۈرۈلىدۇ. ئاشلىق بىلەن ئۆز ئېھتىياجىنى تەمىنلەيدۇ. چارۋىچلىقىدا قوتاز، كالا، ئات بېقىلىدۇ. سانائىتىدە ياغاچچىلىق، توقۇمىچىلىق، قەغەز، سېمونت، ئېلېكتر، قول ھۈنەرۋەنچىلىك مەھسۇلاتلىرى ئىشلەپچىقىرىش قاتارلىق سانائەت ئورۇنلىرى بار. ئاساسىي قانتاش ۋاسىتىسى قوتاز، ئىشەك، ماشىنا ھېسابلىنىدۇ.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى شەھەرلەر
بۇتان | UyghurWiki | UyghurWiki