گوتا
دۇنيادىكى شەھەرلەر
گېرمانيىنىڭ غەربىي جەنۇبىغا، تيورنىگېن تېغىنىڭ شىمالىغا جايلاشقان شەھەر. گوتا مىلادىيە 10 - ئەسىردە بىر كىچىك ئورۇن ئىدى، 1189 - يىلى شەھەر بولۇپ قۇرۇلغان، ھازىر شەھەر ئاھالىسى 57 مىڭدىن ئاشىدۇ. 1818 -، 1826 - يىللىرى ساكسون - كوبوروگ - گوتا شەھەرلىك كىنەزلىكىنىڭ مەركىزى بولغان. 19 - ئەسىردە ماركس بىلەن ئىنگىلس بۇ شەھەردە كۆپ قېتىم ئىنقىلابىي پائالىيەت ئېلىپ بارغان، نۇرغۇن خىتاپنامىلارنى مۇشۇ جايدا يازغان. ھازىر ئۇ مۇھىم تۆمۈر يول تۈگۈنى، شەھەردە ماشىنىسازلىق، مېتالچىلىق، توقۇمىچىلىق، خىمىيە، يېمەك - ئىچمەك، نەشرىيات قاتارلىق سانائەت ئورۇنلىرى بار. بۇ جايدا 12 - ئەسىردە سېلىنغان چېركاۋلار، 18 - ئەسىردە سېلىنغان ھۆكۈمەت بىمالىرى، خان سارايلىرى قاتارلىق تارىخىي ئورۇنلار بار.