UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى شەھەرلەرۋاگادۇگۇ

ۋاگادۇگۇ

دۇنيادىكى شەھەرلەر يۇقىرى ۋولت جۇمھۇرىيىتىنىڭ پايتەختى، ئەڭ چوڭ شەھىرى، دۆلەتنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت مەركىزى. ۋاگادۇگۇ شەھىرى 9 - ئەسىردىن باشلاپ موشى پادىشاھلىقىنىڭ مەركىزى بولغان. 1896 - يىلى فرانسىيە مۇستەملىكىچىلىرى يۇقىرى ۋولتقا بېسىپ كىرگەندىن كېيىن گرانسىيىنىڭ باشقۇرۇشىدا بولغان. 1960 - يىلى 8 - ئاينىڭ 5 - كۈنى يۇقىرى ۋولت مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن دۆلەتنىڭ پايتەختى قىلىپ بەلگىلەنگەن. ۋاگادۇگۇ شەھىرىنىڭ ئاھالىسى 366 مىڭدىن ئاشىدۇ (1984)، بۇ جايدا چىگىت ئايرىش، كۆن - خۇرۇم، شال ئاقلاش، ھاراق ئىشلەش، ئاياغ كىيىم، ماشىنا رېمونت قىلىش قاتارلىق سانائەت ئورۇنلىرى، خەلقئارا ئايرودرومى، خان ساراي قاتارلىق ئورۇنلار بار.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى شەھەرلەر