بانجۇل
دۇنيادىكى شەھەرلەر
گامبىيىنىڭ پايتەختى ۋە ئەڭ چوڭ پورتى، دۆلەتنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت ۋە قاتناش مەركىزى. بانجۇل شەھىرى گامبىيە دەرياسىنىڭ دېڭىزغا قۇيۇلۇش ئاغزىدىكى سان مارىيەئارىلىنىڭ شەرقىي قىرغىقىغا جايلاشقان. شەھەر ئاھالىسى 46 مىڭدىن ئاشىدۇ (1983). بانجۇل گامبىيىنىڭ مۇھىم سانائەت مەركىزى، چوڭ پورتى، بۇ جايدا چوڭ تىپتىكى ياغ زاۋۇتى، بېلىق مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتى، توقۇمىچىلىق فابرىكىسى قاتارلىق سانائەت ئورۇنلىرى بار. بانجۇل پورتىنىڭ سۈيى چوڭقۇر بولۇپ، ئوكيان پاراخوتلىرى توختىيالايدۇ. گامبىيە دەرياسى ئارقىلىق يۇقىرى ئېقىمغا قاراپ يۈرگەن دەريا پاراخوتلىرى دەريانىڭ ئوتتۇرا ئېقىم رايونلىرىغا بارالايدۇ. بانجۇل پورتى ئارقىلىق خاسىڭ، پالما مېغىزى، تېرە قاتارلىق مەھسۇلاتلار ئېكسپورت قىلىنىدۇ. شەھەرنىڭ ھاۋاسى مۆتىدىل، مەنزىرىسى گۈزەل، ئۇنىڭ 20 كىلومېتر غەربىي جەنۇبىدىكى يۇندۇم دېگەن جايدا خەلقئارا ئايردرومى بار. شەھەرنىڭ ساياھەتچىلىك ئىشلىرى تەرەققىي قىلغان.