UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى شەھەرلەرقارا دېڭىز

قارا دېڭىز

دۇنيادىكى شەھەرلەر شىمالىي مۇز ئوكياننىڭ قىرغاق دېڭىزى. سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ يېڭى يەر ئارىلى، ۋاگاچى ئارىلى بىلەن شىمالىي يەر تاقىم ئاراللىرى ئارىسىغا جايلاشقان. شەرق، غەرب تەرەپلىرى ئايرىم - ئايرىم بوغۇز ئارقىلىق پتىۋنچ، بارېنتىس دېڭىزلىرى بىلەن تۇتىشىپ تۇرىدۇ، مەيدانى 883 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. ئوتتۇرىچە چوڭقۇرلۇقى 127 مېتىر، ئەڭ چوڭقۇر جايى 620 مېتىرغا يېتىدۇ. ئوب، يېنسەي قاتارلىق دەريالار قۇيۇلىدۇ. تۇز تەركىبى 20%-35% گە، دېڭىز قىرغاقلىرىدا %10-%12 گە يېتىدۇ. ھاۋاسى قاتتىق سوغۇق، قىشلىقى ئۇزۇنغا سوزۇلغان كېچە بولىدۇ، قار - شىۋىرغانلىق كۈنلەر كۆپ بولىدۇ، يازلىقى ئۇزۇنغا سوزۇلغان كۈندۈزى ھەم تۇمانلىق بولىبدۇ. دېڭىز قىرغاقلىرىنى لەيلىمە مۇزلار قاپلاپ تۇرىدۇ. 7 -، 10 - ئايلار ئارىلىقىدا مۇز يارغۇچ پاراخوتلارنىڭ ياردىمى بىلەنلا قاتناش قىلىشقا بولىدۇ، بۇ جايلاردا شىمالىي ياۋروپا تيۇلىنى، ئاق كىت، شىمالىي قۇتۇپ ئېيىقى قاتارلىق ھايۋانلار ياشايدۇ، مۇھىم پورتلىرىدىن دىكسۇن، ئوب دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىنىدىكى نوۋىي پورت قاتارلىقلار بار.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى شەھەرلەر