ھىندىچىنى يېرىم ئارىلى
دۇنيادىكى شەھەرلەر
ئاسىيانىڭ شەرقىي جەنۇبىغا، جۇڭگو بىلەن ھىندىستان ئارىلىقىغا جايلاشقان. بۇ جاينى جۇڭگونىڭ جەنۇبىدىكى يېرىم ئارال دەپمۇ ئاتايدۇ. مەمۇرىي جەھەتتىن ۋېيتنام، لائوس، كامبودژا، بىرما، تايلاند، سىنگاپور ھەم مالايشىيالارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. مەيدانى 2 مىليون 70 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. ئاھالىسى 180 مىليوندىن ئاشىدۇ (1984). ھىندىچىنى يېرىم ئارىلىنىڭ يەر ئۈستى كۆرۈنۈشى مۇرەككەپ، يەر ۋەزىيىتى شىمالدىن جەنۇبقا قاراپ تەدرىجىي پەسلەپ بارىدۇ. تاغ ئارىلىقلىرىدا دەريا بويى تۈزلەڭلىكلىرى، چوڭقۇر جىرالار، ئېگىز تەكشىلىكلەر بار. يېرىم ئارالنى شىمالدىن جەنۇبقا قاراپ ئاققان ئېراۋدى، سالوئىن، مىنەم، مېكونگ، قىزىل دەريا قاتارلىق دەريالار بىرقانچە بۆلەكلەرگە ئايرىپ تۇرىدۇ. ئارالنىڭ كۆپ قىسمىنىڭ ئىقلىمى تروپىك موسسۇنلۇق ئىقلىم تىپىغا، جەنۇبىي تەرىپىنىڭ ئىقلىمى تروپىك كۆپ يامغۇرلۇق ئورمان ئىقلىم تىپىغا كىرىدۇ. كۆپ قىسىم ئورۇنلىرىنى تروپىك ئورمانلىرى قاپلاپ تۇرىدۇ. كان بايلىقلىرىدىن قەلەي، ۋولفرام، كۆمۈر، ئېسىل تاشلار بار. ئاش تۇزى ئالاھىدە مۇھىم ئورۇن تۇرىدۇ. يېزا ئىگىلىك زىرائەتلىرىدىن ئاساسلىق شال، كاۋچۇك، پالما، ئاناناس، شېكەر قومۇشى قاتارلىقلار ئۆستۈرۈلىدۇ.