UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى شەھەرلەرشىمالىي ئافرىقا

شىمالىي ئافرىقا

دۇنيادىكى شەھەرلەر سەھرايى كەبىر قۇملۇقىنىڭ شىمالدىكى كۆپ قىسىم ئورۇنلارنى كۆرسىتىدۇ. بۇ رايوننىڭ شەرقىي قىزىل دېڭىز، شىمالىي يەر ئوتتۇرا دېڭىز، غەربىي ئاتلانتىك ئوكيان سۈيى بىلەن يۇيۇلۇپ تۇرىدۇ. مەيدانى 8 مىليون 270 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. مىسىر، سۇدان، لىۋىيە، تۇنس، ئالجىرىيە، ماراكەشتىن ئىبارەت ئالتە دۆلەت بىلەن ئاتلانتىك ئوكياندىكى ئازور، مادېرا تاقىم ئاراللىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئاھالىسى 120 مىليون 900 مىڭدىن ئاشىدۇ (1984)، ئاھالىسىنىڭ % 80نى ئەرەبلەر تەشكىل قىلىدۇ. ئۇنىڭدىن قالسا بېر - بېر خەلقلىرى ئولتۇراقلاشقان (بېر - بېرلار شۇ جاينىڭ ئەڭ بۇرۇنقى يەرلىك ئاھالىسى ھېسابلىنىدۇ). ئاھالىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ. شىمالىي ئافرىقا تەبىئىي قۇراپىيىلىك ئالاھىدىلىككە ئاساسەن ئاتلاس ۋە سەھرادىن ئىبارەت ئىككى چوڭ تەبىئىي جۇغراپىيىلىك رايونغا ئايرىلىدۇ. ئاتلاس تاغلىق رايونىنىڭ مەيدانى 800 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر بولۇپ، ماراكەش، ئالجىرىيە، تۇنسلار يەر مەيدانىنىڭ 4/3، 6/5 ۋە 2/1 قىسىم يېرىنى ئىگىلەيدۇ. ئاتلاس تاغلىق رايونىنىڭ ئىقلىمى يەر ئوتتۇرا دېڭىز ئىقلىم تەركىبىگە كىرىدۇ. بىراق تاغلىقنىڭ يەر ۋەزىيىتى ئېگىز بولغان ئورۇنلىرىنىڭ ئىقلىمى زور دەرىجىدە پەرقلىنىدۇ، بۇنداق جايلاردا قىش پەسلى سوغۇق بولىدۇ. ماراكەشنىڭ ئىفران رايونىنىڭ ئەڭ تۆۋەن ھاۋا تېمپېراتۇرىسى℃ 23.9 - قا چۈشكەن. سەھرايى رايونى شىمالىي قىسىم ئافرىقىنىڭ قالغان رايونلىرىنى (سۇداندىن باشقا) ئىگىلەپ تۇرىدۇ. بۇ جايلارنىڭ ھاۋاسى ناھايىتى قۇرغاق بولۇپ، كەڭ دائىرىلىك قۇملۇقلار تارقالغان. نىل دەريا ۋادىسى بىلەن ئۇششاق، تارقاق بوستانلىقتا كىشىلەر ئولتۇراقلاشقان.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى شەھەرلەر