UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى شەھەرلەرتوكبلاۋ تاقىم ئاراللىرى

توكبلاۋ تاقىم ئاراللىرى

دۇنيادىكى شەھەرلەر تىنچ ئوكياننىڭ ئوتتۇرا جەنۇبىدىكى تاقىم ئاراللار بولۇپ، جەنۇبىي كەڭلىك 8°-10°، غەربىي ئۇزۇنلۇق °171-°173 ئارىلىقىغا جايلاشقان. بۇ ئاراللار ئاتافو، نۇكۇنونۇ، فاكاۋفو قاتارلىق ئۈچۈ مارجان ئاراللىرىدىن تۈزۈلگەن. قۇرۇقلۇق مەيدانى 10 كۋادرات كىلومېتر كېلىدۇ، ئاھالىسى 10 يىلدىن بۇيان يېڭى زېلاندىيىگە كۆپلەپ كۆچتى، 1980 - يىللىق مەلۇمات بويىچە بۇ جايدىكى ئاھالە 1600 دىن ئوشۇق بولۇپ، پولىنېزىيىلىكلەر كۆپ ساننى تەشكىل قىلىدۇ. ئاز ساندا ياۋروپالىقلارمۇ بار. ئاھالىسى ساموئا تىلى بىلەن ئىنگلىز تىلىنى قوللىنىدۇ. بۇ ئاراللار 1877 - يىلىدىن باشلاپ ئەنگلىيىنىڭ ئىگىدارچىلىقىغا ئۆتكەن، 1916 - يىلى ئەنگلىيىنىڭ مۇستەملىكىسى بولغان، 1926 - يىلىدىن 1948 - يىلغىچە غەربىي ساموئاغا تەۋە بولغان، 1949 - يىلى يېڭى زېلاندىيىنىڭ ئىگىدارچىلىقىغا ئۆتكەن، 1965 - يىلى 8 - ئايدا ئاپتونومىيە ھوقۇقىغا ئىگە بولغان. مەركىزى فاكاۋفو شەھىرى بولۇپ، فاكاۋفو ئارىلىغا جايلاشقان. بۇ جايدا پالما، كاكائو، بانان قاتارلىق زىرائەتلەر ئۆستۈرۈلىدۇ. دېڭىزلىرىدىن بېلىق تۇتۇلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى شەھەرلەر
توكبلاۋ تاقىم ئاراللىرى | UyghurWiki | UyghurWiki