UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى شەھەرلەرگرېنلاندىيە

گرېنلاندىيە

دۇنيادىكى شەھەرلەر شىمالىي ئامېرىكا قىتئەسىنىڭ شەرقىي شىمالىغا جايلاشقان ئەڭ چوڭ ئارال. يەر مەيدانى 2 مىليون 175 مىڭ كۋادرات كىلومېتىردىن ئاشىدۇ. ئۇنىڭ شىمالدىن جەنۇبقا بولغان ئۇزۇنلۇقى 2700 كىلومېتىر، غەربتىن شەرققە بولغان كەڭلىكى 1000 كىلومېتىر كېلىدۇ. ئۇ دانىيىدىن 50 ھەسسە چوڭ بولۇپ، دېڭىز قىرغاقلىرىدا نۇرغۇنلىغان قولتۇق، بوغۇزلار بار. گرېنلاندىيە يېرىنىڭ 4/5 قىسمى شىمالىي قۇتۇپ دائىرىسىدە بولغانلىقتىن، ئۇنىڭ ھاۋاسى يىل بويى سوغۇق بولىدۇ. يىللىق ئوتتۇرىچە ھاۋا تېمپېراتۇرىسى ℃ 0تىن تۆۋەن بولىدۇ. 1 - ئايلىق ئوتتۇرىچە ھاۋا تېمپېراتۇرىسى℃47 - قا يېتىدۇ. ھۆل - يېغىنى قارنى ئاساس قىلىدۇ، يىللىق ھۆل - يېغىنى 300-400 مىللىمېتىرغا يېتىدۇ. گرېنلاندىنىيىگە قۇياش نۇرىنىڭ چۈشۈشى بەك يانتۇ بولغانلىقتىن، ئۇنىڭ شىمالىي قىسىملىرىدا 6 ئايغا يېقىن قاراڭغۇ كېچە، 6 ئايغا يېقىن كۈندۈز بولىدۇ. ئۇنىڭ% 84 نى قار - مۇزلار قاپلاپ تۇرىدۇ. مۇز قاتلىمىنىڭ ئوتتۇرىچە قېلىنلىقى 1500 مېتىر، ئەڭ قېلىن جايى 3411 مېتىرغا يېتىدۇ. گرېنلاندىيىنىڭ كۆپ قىسمىنى مۇز قاپلاپ تۇرسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ يىللىقراق ئىقلىملىق جەنۇب، غەربىي جەنۇب دېڭىز قىرغاق رايونلىرىغا كىشىلەر ئولتەۇراقلاشقان. بۇ جايلاردا مۇز توڭلىمايدىغان كۈنلەر 157 كۈن ئەتراپىدا بولىدۇ. شۇڭا بۇ جايدا تايگا ئۆسۈملۈكلىرى، ئوت - چۆپلەر ئۆسىدۇ. گرېنلاندىيە ئاھالىسى 52 مىڭ 300 دىن ئاشىدۇ (1984)، بۇنىڭ% 90 نى يەرلىك ئېسكىموسلار بىلەن ياۋروپالىقلارنىڭ ئەۋلادلىرى ئىگىلەيدۇ، دانىيىلىكلەر 8000 دىن ئاشىدۇ. ئاھالىنىڭ %90 غەربىي دېڭىز قىرغاق رايونلىرىغا،% 7 شەرقىي دېڭىز قىرغاقلىرىغا، 500-600 دەك كىشى شىمالىي دېڭىز قىرغاقلىرىغا ئولتۇراقلاشقان. يەرلىك خەلق ئىسكىس تىلى بىلەن گرېنلاندىيە ۋە دانىيە تىللىرىنى قوللىنىدۇ. مەركىزى گودخوپ شەھرى. گرېنلاندىيە خەلقلىرى بېلىقچىلىق ھەم چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. گرېنلاندىيىدە يەر ئاستى بايلىقى مول. نېفىت، تەبىئىي گاز، كۆمۈر، تۆمۈر، مىس، قوغۇشۇن، سىنك، ئوران، تورى، نىكېل، مولبىدىن، خروم، ۋانادىي، پلاتىنا قاتارلىق كان بايلىقلىرى بار. گرېنلاندىيە مەمۇرىي جەھەتتىن دانىيىگە قارايدۇ، بۇ جايغا مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 3000 - يىللاردىن باشلاپ ئېسكىس خەلقلىرى ئولتۇراقلاشقان. 10 - ئەسىرنىڭ ئاخىرى دانىيە بىلەن نورۋىگىيىلىك دېڭىزچىلار بۇ جايغا كەلگەن، 1894 - يىلى ئالدى بىلەن دانىەي ئارالنىڭ شەرقىي جەنۇبىدا مۇستەملىكىچىلىك پونكىت قۇرغان، 1953 - يىلى دانىيىنىڭ بىر قىسمى دەپ ئېلان قىلىنغان، 1979 - يىلى 5 - ئاينىڭ 1 - كۈنى رەسمىي ئىچكى ئاپتونومىيە ھوقۇقىغا ئىگە بولغان. ئاپتونومىيە قانۇنىغا ئاساسەن دۆلەتلىك مۇداپىئە، تاشقى ئىشلاردىن باشقا، قالغان ئىچكى ئىشلارنى يەرلىك ھۆكۈمەت ئۆزى باشقۇرىدۇ.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى شەھەرلەر