فىلادېلفىيە
دۇنيادىكى شەھەرلەر
ئا ق ش نىڭ شەرقىي شىمال قىسمىدىكى پېنسىلۋانىيە شتاتىنىڭ شەرقىي جەنۇب قىسمىدىكى چوڭ سودا - سانائەت شەھىرى. فلادېلفىيەدېلاۋېر دەريا بويىچە جايلاشقان. شەھەر بىلەن ئاتلانتىك ئوكيان ئارىلىقى 153 كىلومېتىر كېلىدۇ. يىراق ئوكيان پاراخوتلىرى دېلاۋېر قولتۇقى ھەم دېلاۋېر دەرياسىنى بويلاپ شەھەر ئىچىگە كىرەلەيدۇ. ئۇ ئا ق ش بويىچە ئاتاقلىق دەريا پورتى، ئاتاقلىق كېمىسازلىق، نېفىت سانائەت مەركەزلىرىنىڭ بىرى. شەھەر ئاھالىسى 4 مىليون 890 مىڭدىن ئوشۇق (1981) بولۇپ، ئا ق ش بويىچە تۆتىنچى چوڭ شەھەر ھېسابلىنىدۇ. فلادېلفىيە شەھىرىدە يەنە كىيىم - كېچەك، يېمەك - ئىچمەك، نەشرىياتچىلىق، ئېغىر تىپتىكى ماشىنىسازلىق، ئېلېكتر ماشىنىلىرى ئىشلەپچىقىرىش، ئاپتوموبىل، خىمىيە سانائەت، نېفىت، خىمىيە قاتارلىق سانائەتلەرمۇ مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. بۇلاردىن باشقا توقۇمىچىلىق ۋە باشقا يېنىك سانائەتلەرمۇ تەرەققىي قىلغان. فىلادېلفىيە ئا ق ش نىڭ مۇھىم تارىخىي شەھىرى بولۇپ، 1681 - يىلى قۇرۇلغان. 1776 - يىلى ئەنگلىيىنىڭ شىمالىي ئامېرىكىنىڭ ئاتلانتىك ئوكيان بويىدىكى 13 مۇستەملىكىسى بۇ جايدا مۇستەقىللىك ئېلان قىلغان. 1787 - يىلى ئامېرىكىنىڭ بىرلەشمە ئاساسىي قانۇنى بۇ جايدا تۈزۈلگەن. 1790 - يىلدىن 1800 - يىلغىچە ئا ق ش نىڭ پايتەختى بولغان. شەھەرنىڭ سۇ، قۇرۇقلۇق، ھاۋا قاتنىشى تەرەققىي قىلغان. شەھەردىن ئا ق ش نىڭ نيۇ يورك، ۋاشىنگتون، پتتىسبورگ شەھەرلىرىگە بارىدىغان نۇرغۇن تارماق تۆمۈر يول، تاشيولئلار، ھاۋا يوللىرى بار. فلادېلفىيە شەھىرىدىكى يەر ئاستى تۆمۈر يولى 1907 - يىلى سېلىنغان، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 47 كىلومېتىر كېلىدۇ.