چىبا
دۇنيادىكى شەھەرلەر
ياپونىيىدىكى توكىئو قولتۇقىنىڭ شەرقىي شىمالىغا جايلاشقان چىبا ناھىيىسىنىڭ مەركىزى، ياپونىيىنىڭ يېڭى سانائەت شەھىرى، مۇھىم پورتى. چىبا بىلەن توكىئونىڭ ئارىلىقى 43 كىلومتېر كېلىدۇ، شەھەرنىڭ يەر مەيدانى 270 كۋادرات كىلومتېر، ئاھالىسى 790 مىڭدىن ئاشىدۇ (1987). چىبا شەھىرى شەرقىي شىمالدىن جەنۇبقا قاراپ ياي شەكلىدە 40 كىلومېتر ئۇزۇنلۇقتا سوزۇلۇپ تۇرىدۇ. چىبا پورتى يىلىغا 100 مىليون توننىدىن كۆپرەك يۈكنى بىر تەرەپ قىلالايدۇ، چوڭلۇقى جەھەتتە ئىئوكوگاما، كوبى، ناگويالاردىن قالسا ياپونىيە بويىچە تۆتىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. پورتتا 300 دىن ئوشۇق پاراخوت توختاش ئورنى بار. جىبا شەھىرىنىڭ سانائىتى تەرەققىي قىلغان. ئېغىر سانائەت ئىشلەپچىقىرىش قىممىتى پۈتۈن سانائەت ئىشلەپچىقىرىش قىممىتىنىڭ% 68.1 نى تەشكىل قىلىدۇ، (1985)، سانائىتى پولات - تۆمۈر سانائىتىنى ئاساس قىلىدۇ، ئۇ پۈتۈن سانائەت ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىىڭ %45.7 نى تەشكىل قىلىدۇ، ئۇنىڭدىن قالسا ماشىنىسازلىق، نېفىت، خىمىيە، مېتالچىلىق، ئېلېكتر ئېنېرگىيىسى قاتارلىق سانائەتلىرىمۇ تەرەققىي قىلغان. چىبا پورتى ئارقىلىق نېفىت، تەبىئىي گاز، تۆمۈر رۇدىسى، كۆمۈر قاتارلىق مەھسۇلاتلار ئىمپورت قىلىنىدۇ، ئاپتوموبىل، پولات، ماشىنا مېيى قاتارلىق مەھسۇلاتلار ئېكسپورت قىلىنىدۇ.