مەدىنە
دۇنيادىكى شەھەرلەر
سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ غەربىي شىمالىغا جايلاشقان مۇھىم شەھەر، ئىسلام دىنىنىڭ مەركىزى. 622 - يىلى مۇھەممەت پەيغەمبەر ئۆز قوشۇنىنى باشلاپ مەككىدىن بۇ جايغا كېلىپ ئورۇنلاشقان، مۇھەممەت پەيغەمبەر 632 - يىلى شۇ جايدا ۋاپات بولغان. شەھەردە مۇھەممەت پەيغەمبەرنىڭ قەبرىسى، مەشھۇر پەيغەمبەر مەسچىتى بار. مەدىنە شەھىرى 622 - يىلدىن 661 - يىلغىچە مۇسۇلمان دۆلەتلىرىنىڭ بىرىنچى پايتەختى بولغان. بۇ شەھەر جايلاشقان ئورۇننىڭ دېڭىز يۈزىدىن 610 مېتىر ئېگىز كېلىدۇ، ئاھالىسى 198 مىڭدىن ئاشىدۇ، مەدىنە شەھىرى بىلەن مەككە شەھىرىنىڭ ئارىلىقى 450 كىلومېتىردىن ئاشىدۇ. ئىككى شەھەرنى تاشيوللار بىر - بىرىگە تۇتاشتۇرۇپ تۇرىدۇ. مەدىنە شەھىرى سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ مۇھىم سودا مەركەزلىرىنىڭ بىرى، شەھەرنڭى ئەتراپىدا نۇرغۇن دېھقانچىلىق مەيدانلىرى بولۇپ، خورما، بۇغداي، ئارپا، كۆكتات، مېۋە ئۆستۈرۈلىدۇ. شەھەردە خورمىنى پىششىقلاپ ئىشلەپچىقىرىش زاۋۇتى، خىش زاۋۇتى، گىلەمچىلىك فابرىكىسى قاتارلىق زاۋۇت - فابرىكىلار بار. ھاۋا يولى، تاشيوللار ئارقىلىق مەككە ھەم جېددا پورتلىرى بىلەن تۇتىشىپ تۇرىدۇ.