UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى شەھەرلەرئۇفا

ئۇفا

دۇنيادىكى شەھەرلەر سوۋېت ئىتتىپاقى رۇس فېدېراتسىيىسىگە قاراشلىق باشقىر ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەركىزى، شۇنداقلا سوېت ئىتتىپاقىنىڭ ئەڭ چوڭ نېفىت ئايرىش سانائەت مەركىزى. بۇ شەھەرنىڭ نېفىت ئايرىش سانائىتى ئالاھىدە مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ. بۇ شەھەر ئۇرال تاغلىرىنىڭ غەربىگە، بېلايا، ئۇفا، دېمادىن ئىبارەت ئۈچ دەريانىڭ قوشۇلغان يېرىگە جايلاشقان. ئاھالىسى بىر مىليون 64 مىڭدىن ئاشىدۇ (1985). ئۇفا شەھەر رايونىدىن ئىككىنچى باكۇ ھەم تيۇمېن نېفىتلىكلىرىدىن بىرقانچە تارماق نېفىت ھەم تەبىئىي گاز تۇرۇبىلىرى بېسىپ ئۆتىدۇ، شەھەرنىڭ سۇ، قۇرۇقلۇق قاتنىشى تەرەققىي قىلغان. ئۇفا شەھىرىدىن يولغا چىققان پاراخوتلار دەريان ىڭ تۆۋەن ئېقىنىغا قاراپ يۈرسە كۇيبىشېۋ ھەم موسكۋا شەھەرلىرىگە بارالايدۇ. ئۇفا 1574 - يىلى كىچىك بىر بېكەت ئىدى، ئۇرال - ۋولگا رايونىدىكى نېفىتنىڭ ئېلىنىشىغا ئەگىشىپ شەھەرنىڭ دائىرىسى تېز كېڭىيىپ، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئەڭ مۇھىم نېفىت سانائەت شەھىرىگە ئايلاندى. بۇ جايدا نېفىت ئايرىش سانائىتىدىن باشقا يەنە ماشىنىسازلىق، نېفىت خىمىيە قاتارلىق ئېغىر سانائەتلەرمۇ تەرەققىي قىلغان. شەھەردە سوۋېت پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ باشقىر ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتى شۆبىسى، نۇرغۇن ئالىي بىلىم يۇرتلىرى بار.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى شەھەرلەر