UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى شەھەرلەربېرن

بېرن

دۇنيادىكى شەھەرلەر شۋېتسارىيە بىرلەشمىسىنىڭ پايتەختى، بېرن ئوبلاستىنىڭ مەركىزى. بېرن شەھىرى رېين دەرياسىنىڭ تارمىقى بولغان ئارې دەرياسىنىڭ ئىككى ياقىسىغا جايلاشقان. بۇ شەھەر كونىشەھەر ھەم يېڭىشەھەر دەپ ئىككى قىسىمغا بۆلۈنىدۇ. يېڭىشەھەر دەريانىڭ ئوڭ ياقىسىغا، كونىشەھەر دەريانىڭ سول ياقىسىغا جايلاشقان. شەھەر ئاھالىسى 143 مىڭدىن ئاشىدۇ (1983)، نېمىس تىلىدا سۆلىشىدۇ. بۇ جاي 11 - ئەسىردىن بۇرۇن قاقاس بىر جاي بولۇپ، 11 - ئەسىردىن كېيىن بۇ جايدا بېرى شەھىرى بىنا قىلىشقا باشلىغان، بېرن 1218 - يىلى ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل بىرلەشمە بولۇپ قۇرۇلغان، 1353 - يىلى شۋېتسارىيە بىرلەشمىسىگە قاتناشماق، 1848 - يىلىدىن باشلاپ شۋېتسارىيىنىڭ پايتەختى بولغان. شەھەرنىڭ ئېلېكتر ماشىنىلىرى، نازۇك ماشىنا، توقۇمىچىلىق، خىمىيە، دورا ياساش، يېمەك - ئىچمەك، ھەرخىل ئائىلە جاھازلىرىنى ياساش سانائىتى ئالاھىدە تەرەققىي قىلغان. بولۇپمۇ ئۇ ئۆزىنىڭ سانائەت ئىشلەپچىقىرىش سانائىتىنىڭ ئالاھىدىلىكى بىلەن <سانائەت پايتەختى> دەپ نام ئېلىپ دۇنياغا تونۇلغان. شەھەرنىڭ سانائىتىلا ئەمەس، يېزا ئىگىلىكىمۇ تەرەققىي قىلغان. نۇرغۇن يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى مۇشۇ شەھەرگە توپلىنىدۇ. بېرن مۇھىم قاتناش تۈگۈنى، ئاتاقلىق مەدەنىيەت مەركىزى. بېرن مۇھىم قاتناش تۈگۈنى، ئاتاقلىق مەدەنىيەت مەركىزى. بېرن مۇھىم خەلقئارا شەھەرنىڭ بىرى، بۇ جايدا نۇرغۇنلىغان خەلقئارا تەشكىلاتلار، مەسىلەن، خەلقئارا پوچتا - تېلېگراف بىرلەشمىسى، خەلقئارا تۆمۈريول بىرلەشمىسى، خەلقئارا نەشرىيات بىرلەشمىسى قاتارلىق تەشكىلاتلار بار.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى شەھەرلەر
بېرن | UyghurWiki | UyghurWiki