پېرت
دۇنيادىكى شەھەرلەر
ئاۋسترالىيىنىڭ غەربىي دېڭىز ياقىسىغا جايلاشقان چوڭ شەھەر، غەربىي ئاۋسترالىيە شتاتىنىڭ مەركىزى. ئاھالىسى 900 مىڭدىن ئاشىدۇ (1980). شەھەرنىڭ ئاپتوموبىل قۇراشتۇرۇش، خىمىيە، ياغاچچىلىق، يېمەك - ئىچمەك قاتارلىق سانائەت ئورۇنلىرى بار. شەھەرنىڭ سىرتقى پورتى فىرمانتىلىنىڭ كېمىسازلىق سانائىتى تەرەققىي قىلغان، شەھەرنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان كېۋىنانا غەربىي ئاۋسترالىيە بويىچە مۇھىم پولات - تۆمۈر سانائەت مەركىزى ھېسابلىنىدۇ. شەھەردە ئالىي بىلىم يۇرتلىرى، ھەيۋەتلىك قۇرۇلۇشلار، چوڭ تىپتىكى ئايرودروم قاتارلىق ئورۇنلار بار.