UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى شەھەرلەرمېلانېزىيە

مېلانېزىيە

دۇنيادىكى شەھەرلەر تىنچ ئوكياندىكى ئۈچ چوڭ تاقىم ئاراللارنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇزۇنلۇقى° 180 نىڭ غەربىگە، ئېكۋاتور بىلەن جەنۇبىي تروپىك ئارىلىقىغا جايلاشقان. غەربىي شىمالدىن شەرقىي جەنۇبقا 4500 كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتا سوزۇلۇپ تۇرىدۇ. بىسمارك، سولومون، سانتا كروس، يېڭى كېبرىد (ۋانۇئاتۇ)، يېڭى كالىدونىيە ۋە فىجى قاتارلىق تاقىم ئاراللارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. قۇرۇقلۇقىنىڭ ئومۇمىي مەيدانى 155 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. ئاھالىسى بىر مىليون 330 مىڭدىن ئاشىدۇ. ئاھالىسىنىڭ كۆپىنى مېلانېزىيىلىكلەر، ئۇنىڭدىن قالسا پاپۇئالىقلار، ياۋروپالىقلارنىڭ كېيىنكى ئەۋلادلىرى تەشكىل قىلىدۇ. مېلانېزىيە تىلىنى ئورتاق قوللىنىدۇ. ئاراللارنىڭ كۆپى ماتېرىك ئاراللىرى تىپىغا كىرىدۇ. يانار تاغلارنىڭ پارتلاش، يەر تەۋرەش ھەرىكەتلىرى كۆپ بولۇپ تۇرىدۇ. ئىقلىمى تروپىك يامغۇرلۇق ئورمان ئىقلىم تىپىغا كىرىدۇ، ھاۋا تېمپېراتۇرىسى يىل بويى يۇقىرى، ھۆل - يېغىنى مول بولىدۇ، ھەممە جاينى ياپيېشىل ئورمان ھەم ئوت - چۆپلەر قاپلاپ تۇرىدۇ. شېكەر قومۇشى، كوفى، كاكائو، كاۋچۇك دەرىخى قاتارلىق زىرائەتلەر ئۆستۈرۈلىدۇ. ھەرخىل قىممەت باھالىق ياغاچ ماتېرىياللىرى ئېلىنىدۇ. نىكېل، خروم، ئالتۇن قاتارلىق كان باي لىقلىرى خېلى مول. مېلانېزىيە تاقىم ئاراللىرى ئىچىدىكى فىجى، سولومون، يېڭى كېبرىد (ھازىرقى ۋانۇ ئاتۇ) تاقىم ئاراللىرى ھازىر مۇستەقىل دۆلەت بولدى.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى شەھەرلەر
مېلانېزىيە | UyghurWiki | UyghurWiki