مىنسكى شەھرى
دۇنيادىكى شەھەرلەر
سوۋېت ئىتتىپاقى بېلورۇسىيە سوۋېت سوتسىيالىستىك جۇمھۇرىيتىنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي ھەم مەدەنىيەر مەركىزى. بۇ شەھەر بېرېزىنا دەرياسىنىڭ تارمىقى سىۋىسلوچ دەرياسىنىڭ بويىغا جايلاشقان. شەھەر ئاھالىسى بىر مىليون 472 مىڭدىن ئاشىدۇ (1985). بۇ شەھەرنىڭ ئاساسى 1067 - يىلى سېلىنغان. 1793 - يىلى چارروسىيە تەركىبىگە قوشۇلغان. شەھرنىڭ نامى مىن دەرياسىنىڭ نامىغا ئاساسەن قويۇلغان. مىنسكى شەھىرى موسكۋا بىلەن ۋارشاۋا ئارىلىقىدىكى مۇھىم تۆمۈر يول قاتناش تۈگۈنى. شەھەرنىڭ ماشىنىسازلىق سانائىتى زور دەرىجىدە تەرەققىي قىلغان. بۇنىڭدىن باشقا ياغاچ، قۇرۇلۇش - بىناكارلىق قاتارلىق سانائەتلىرىمۇ تەرەققىي قىلغان. شەھەردە بېلورۇسىيە پەنلەر ئاكادېمىيىسى، نۇرغۇن ئالىي بىلىم يۇرتلىرى، سوۋېت ئىتتىپاقى ۋەتەن ئۇرۇشى قەھرىمانلىنىڭ خاتىرە مۇنارىسى قاتارلىق تارىخىي ئورۇنلار بار.