كۋېبېك
دۇنيادىكى شەھەرلەر
كانادانىڭ شەرقىي قىسمىدىكى لاۋرىنىتيە دەرياسى بىلەن سانت چارلىس دەريالىرىنىڭ قوشۇلغان يېرىگە جايلاشقان مۇھىم پورت شەھىرى، كۋېبېك ئۆلكىسىنىڭ مەركىزى. ئەسلىدىكى ئىندىئانلار مەھەللىلىرى ئاساسىدا كېڭەيگەن، ھازىر بۇ شەھەر كانادانىڭ شەرقىدىكى مۇھىم ئىقتىسادىي مەركىزى ھېسابلىنىدۇ. شەھەر ئاھالىسى 77 مىڭدىن ئاشىدۇ. بۇنىڭ %94 نى فرانسىيىلىكلەرنىڭ كېيىنكى ئەۋلادلىرى ئىگىلەيدۇ. بۇ جايدا كېمىسازلىق، قەغەز، ماشىنىسازلىق، ياغاچچىلىق، خۇرۇم قاتارلىق سانائەتلەر تەرەققىي قىلغان. شەھەردە ئەڭ قەدىمىي كاتولىك دىنى چېركاۋلىرى بار، كۋېبېك شىمالىي ئامېرىكا بوي6چە ئەڭ كونا رىم كاتولىك دىنىي شەھىرى ھېسابلىنىدۇ. شەھەرنىڭ قاتناش ترانسپورتى تەرەققىي قىلغان.