ۋونسان
دۇنيادىكى شەھەرلەر
چاۋشيەننىڭ شەرقىي شىمالىدىكى ئەڭ چوڭ پورت شەھىرى، كاڭۋون - دو ئۆلكىسىنىڭ مەركىزى. بۇ شەھەر يۇڭخۇڭ - مان قولتۇق بويىغا جايلاشقان. غەربىي تەرىپى ساڭبوڭ - سان قاتارلىق تاغلىرى بىلەن قورشىلىپ تۇرىدۇ. پورتنىڭ سۈيى چوڭقۇر، سۇنىڭ كۆتۈرلۈشىدە پەسىللىك ئۆزگىرىش چوڭ ئەمەس، چاۋشىيەننىڭ ئەڭ ياخشى تەبىئىي پورتلىرىدىنىڭ بىرى. شەھەر ئاھالىسى تەخمىنەن 350 مىڭدىن ئاشىدۇ. ۋونسان 1880 - يىلى پورت بولۇپ ئېچىلغان. 1914 - يىلى جىڭ - يۈەن تۆمۈر يولىدا قاتناش باشلانغاندىن كېيىن، دېھقانچىلىق ھەم بېلىقچىلىق مەھسۇلاتلىرى توپلىنىپ تارقىتىلىدىغان مەركەزگە ئايلانغان، چاۋشيەن ئۇرۇشى جەريانىدا زور ۋەيرانچىلىققا ئۇچرىغان. ئۇرۇشتىن كېيىن قايتىدىن قۇرۇلۇپ، چاۋشيەننىڭ ستانوك ۋە كېمىسازلىق سانائەت مەركىزى بولۇپ شەكىللەنگەن. شەھەردە يۇقىرىقى سانائەت تارماقلىرىدىن باشقا، خىمىيە سانائىتى، يېمەك - ئىچمەك سانائىتى قاتارلىق سانائەت تارماقلىرى، ئالىي بىلىم يۇرتلىرى، باغچىلار، دەم ئېلىش ئورۇنلىرى، سۇغا چۆمۈلۈش مەيدانلىرى بار. ۋونسان شەھىرى تۆمۈريول ھەم تاشيوللار ئارقىلىق پايتەخت پيوڭياڭ ۋە باشقا شەھەرلەر بىلەن باغلىنىپ تۇرىدۇ.