دار ئەل بەيدا
دۇنيادىكى شەھەرلەر
ماراكەشنىڭ ئاتلانتىك ئوكيان ياقىسىدىكى ئەڭ چوڭ پورت شەھىرى، ئەڭ مۇھىم سودا - سانائەت مەركىزى. ئۇ دۆلەتنىڭ پايتەختى رابات شەھىرىدىن 88 كىلومېتر غەربىي جەنۇبىغا جايلاشقان. شەھەر ئاھالىسى 3 مىليوندىن ئوشۇق بولۇپ، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن ئوخشاش بولمىغان ئىرقتىكى 150 دىن ئوشۇق مىللەتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. دارئەل بەيدا شەھىرى ماركەشنىڭ ئەڭ ئاتاقلىق سودا - سانائەت مەركىزى. بۇ جايدا 58 مىڭ 900 دىن ئوشۇق سودا - سانائەت كارخانىسى، 150 دىن ئوشۇق يېمەك - ئىچمەك سانائەت ئورۇنلىرى بار. ئۇنىڭدىن باشقا توقۇمىچىلىق سانائىتى، خىمىيە سانائىتى، نېفىت ئايرىش، ماشىنىسازلىق، ئاپتوموبىل قۇراشتۇرۇش، ئېلېكتر ئېنېرگىيىسى، كاۋچۇك قاتارلىق سانائەت ئورۇنلىرىمۇ بار. دارئەل بەيدا ماراكەشنىڭ ئەڭ چوڭ پورتى، تانجىر شەھىرىدىن قالسا ئىككىنچى چوڭ ساياھەت شەھىرى، بۇ جايدىكى پورتتا بىرلا ۋاقىتتا 24 چوڭ تىپتىكى پاراخوت توختىيالايدۇ. يىلىغا 20 مىليون توننا يۈكنى بىر تەرەپ قىلالايدۇ. بۇ شەھەرنىڭ شىمالىدا كېڭەيتىپ قۇرۇلۇۋاتقان مۇھەممەدىيە پورتىغا 100 مىڭ توننىلىق غايەت زور تىپتىكى پاراخوتلار كېلەلەيدۇ. ماراكەش بويىچە ئېكسپورت قىلىنىدىغان ماللارنىڭ 3/2 قىسمى دارئەل بەيدا پورتى ئارقىلىق بىر تەرەپ قىلىنىدۇ.