UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى شەھەرلەربراتىسلاۋا

براتىسلاۋا

دۇنيادىكى شەھەرلەر چېخ ۋەسلوۋاكىيىنىڭ شەرقىي جەنۇبى چېگرىسىدىكى مۇھىم شەھەر، چېخۋەسلوۋاكىيىنىڭ پراگا، بورنولاردىن قالسا ئۈچىنچى چوڭ شەھەر، سلوۋاك رايونىنىڭ ئەڭ چوڭ شەھىرى، مۇھىم سودا - سانائەت، قاتناش مەركىزى. شەھەر ئاھالىسى 350 مىڭدىن ئاشىدۇ. براتسىلاۋا چېخۋەسلوۋاكىيىنىڭ مۇھىم سانائەت مەركىزى. ئۇنىڭ سانائىتى كۆمۈر سانائىتى بىلەن مېتاللورگىيە سانائىتى ئاساسىدا تەرەققىي قىلغان ئېغىر تىپتىكى ماشىنىسازلىق سانائىتىنى ئاساس قىلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا نېفىت ئايرىش، خىمىيە سانائەت، كېمىسازلىق، ئېلېكتر ماشىنىلىرى، ستانوك، نازۇك ماشىنىسازلىق مەھسۇلاتلىرى، يېمەك - ئىچمەك، توقۇمىچىلىق، ئەينەك قاتارلىق كۆپ خىل سانائەت ئورۇنلىرى بار. براتىسلاۋا دۆلەتنىڭ شەرقىدىكى مۇھىم دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق رايونىغا جايلاشقانلىقى ئۈچۈن دېقھانچىلىق ھەم چارۋا مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەپچىقىرىش سانائىتىمۇ ناھايىتى مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ. براتسىلاۋا چېخۋەسلوۋاكىيىنىڭ مۇھىم سۇ، قۇرۇقلۇق قاتناش تۈگۈنى. چېخۋەسلوۋاكىيىنىڭ دوناي دەريا بويىغا جايلاشقان ئەڭ دەريا پورتى. ئۇ تۆمۈريول ئارقىلىق بورنو، پراگا، ئوستراۋا، كوشتىسى قاتارلىق شەھەرلەر بىلەن تۇتىشىدۇ. دوناي دەرياسى ئارقىلىق ۋېنا، بۇدا پېشت قاتارلىق شەھەرلەرگە بارغىلى ھەم قارا دېڭىز، شىمالىي دېڭىزلارغا چىققىلى بولىدۇ. براتىسلاۋا سوۋېت ئىتتىپاقىدىن باشلىنىپ پراگاغا بارىدىغان مۇھىم نېفىت تۇرۇبا قاتنىشىنىڭ تۈگۈنى. چېخۋەسلوۋاكىيىنىڭ چەت ئەللەر بىلەن ئالماشتۇرىدىغان ماللىرىنىڭ بىر قىسمى براتىسلاۋا پورتى ئارقىلىق بىر تەرەپ قىلىنىدۇ.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى شەھەرلەر
براتىسلاۋا | UyghurWiki | UyghurWiki