UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى شەھەرلەرلادوگا كۆلى

لادوگا كۆلى

دۇنيادىكى شەھەرلەر سوېت ئىتتىپاقى ياۋروپا قىسمىنىڭ شىمالىغا جايلاشقان، ياۋروپا بويىچە ئەڭ چوڭ كۆل. بۇرۇن <نىۋا كۆلى> دەپ ئاتىلاتتى. بۇ كۆل دېڭىز يۈزىدىن بەش مېتىر ئېگىز كېلىدۇ، ئۇزۇنلۇقى 219 كىلومېتىر، ئوتتۇرىچە كەڭلىكى 83 كىلومېتىر. مەيدانى (كۆلدىكى تەخمىنەن 660 قا يېقىن ئۇششاق ئاراللارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) 18 مىڭ كۋادرات كىلومېتىرغا يېتىدۇ. ئوتتۇرىچە چوڭقۇرلۇقى 51 مېتىر كېلىدۇ، شىمالىي قىسمىنىڭ ئەڭ چوڭقۇر جايى 230 مېتىرغا يېتىدۇ، 908 كۇب كىلومېتىر سۇ سىغىدۇ. كۆلنىڭ غەربىي شىمال قىرغاقلىرى ئەگرى - بۈگرى كېلىدۇ، جەنۇبىي قىرغاقلىرىدا تاشلىق تۇمشۇقلار كۆپ، مۇز توڭلاش مەزگىلى 3 - 4 ئايغا يېتىدۇ. كۆلگە ۋولخوۋ، سۋىر قاتارلىق دەريالار قۇيۇلىدۇ، كۆلدە دولقۇن كۆپ بولىدۇ، جەنۇبىي ياقىسىدىن ئاق دېڭىز، بالتىق دېڭىز ھەم بالتىق دېڭىز - ۋولگا دەريا قاناللىرى كېسىپ ئۆتىدۇ. لادوگا مۇھىم سۇ قاتناش يولى ھېسابلىنىدۇ، كۆلدىن خىلمۇخىل بېلىق تۇتۇلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى شەھەرلەر
لادوگا كۆلى | UyghurWiki | UyghurWiki