UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى شەھەرلەرتگۇسىگالپا

تگۇسىگالپا

دۇنيادىكى شەھەرلەر ئوتتۇرا ئامېرىكىدىكى گوندۇراس جۇمھۇرىيىتىنىڭ پايتەختى، فرانسىسكوموراسان ئۆلكىسىنىڭ مەركىزى، دۆلەتنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت مەركىزى. تېگۇسىگالپا شەھىرى نۇرغۇن تاغلار بىلەن ئورىلىپ تۇرغان چولوتكا دەريا ۋادىسىغا جايلاشقان. شەھەر جايلاشقان ئورۇننىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 975 مېتر كېلىدۇ. شەھەر ئاھالىسى 533 مىڭدىن ئاشىدۇ (1982). بۇ شەھەر 1579 - يىل قۇرۇلغان. شەھەر نامى ئىندىئانچە بولۇپ <كۈمۈش تاغ> دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. شەھەرنىڭ يېنىدا كۈمۈش، ئالتۇن چىقىدىغان تاغ بولغانلىقى ئۈچۈن شۇنداق نام بېرىلگەن. 1880 - يىلىدىن باشلاپ پايتەخت بولغان. شەھەردە توقۇمىچىلىق، يېمەك - ئىچمەك، ئاياغ كىيىم، ياغاچ ماتېرىياللىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش، سوپۇن قاتارلىق سانائەت ئورۇنلىرى بار. شەھەر تاشيول ئارقىلىق تىنچ ئوكيان ھەم ئاتلانتىك ئوكيان قىرغاق بويىدىكى شەھەرلەر بىلەن تۇتىشىدۇ. شەھەردە خەلقئارا ئايرودرومى، قەدىمىي تارىخىي ئورۇنلار، <زامورانو> ناملىق يېزا ئىگىلىك داشۆسى قاتارلىق بىلىم يۇرتلىرى بار.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى شەھەرلەر
تگۇسىگالپا | UyghurWiki | UyghurWiki