باۋارىيە
دۇنيادىكى شەھەرلەر
بايېرن (拜恩 Bayern) دەپمۇ ئاتىلىدۇ. گېرمانىيەنىڭ شەرقىي جەنۇبىدىكى تارىخىي ۋە مەمۇرىي رايون. ئۇ ئالىپ تاغلىرىنىڭ شىمالىي ئېتىكىگە جايلاشقان بولۇپ، گېرمانىيە بويىچە يەر ۋازىيىتى ئەڭ ئېگىز رايون، ئۇنىڭ ئەڭ ئېگىز نۇقتىسى دېڭىز يۈزىدىن 2963 مېتر ئېگىز تۇرىدۇ. باۋارىيە 9 - ئەسىردە كارىل ئىمپېرىيىسى تارمار بولغاندىن كېيىن قۇرۇلغان مۇستەقىل تۆت كىنەزلىكىنىڭ بىرى بولۇپ، 19 - ئەسىرنىڭ باشلىرىدا پادىشاھلىق دۆلەت بولۇپ قۇرۇلغان، 1815 - يىلدىكى ۋېنا يىغىنىدىن كېيىن گېرمانىيەنىڭ بىر ئەزاسى بولغان. 1871 - يىلى پرۇسىيە - فرانسىيە ئۇرۇشىدا پرۇسىيە بىلەن فرانسىيىگە قارشى ئۇرۇشقا قاتناشقان، ئۇرۇشتىن كېيىن گېرمانىيە فېدېراتسىيىسىگە قاتناشقان. باۋارىيە گېرمانىيىنىڭ مۇھىم سانائەت، يېزا ئىگىلىك رايونى، بۇ جايدا ئېلېكترون، ئېلېكتر، نازۇك ئەسۋابلار، ھەربىي سانائەت مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا يېمەك - ئىچمەك، ئەنئەنىۋى فارفور بۇيۇملىرى، كان سانائەت مەھسۇلاتلىرىمۇ مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. بۇ رايوندىكى ميۇنخېن شەھىرى گېرمانىيىنىڭ جەنۇبىي قىسمىدىكى ئەڭ چوڭ سانائەت مەركىزى. بۇ شەھەر ھەرخىل ھەربىي قورال - يراق ئىشلەپچىقىرىشتا گېرمانىيە بويىچە ئالاھىدە مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا يەنە ئاۋگسبۇرگ، نيورنبېرگ، رېگېنىسبۇرگ قاتارلىق مۇھىم سانائەت مەركەزلىرى بار.