ئانتۋېرپېن
دۇنيادىكى شەھەرلەر
غەربىي ياۋروپادىكى بېلگىيىنىڭ مۇھىم پورت شەھىرى، ئاتاقلىق سانائەت مەركىزى. ئانتۋېرپېن شېلىد دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىمىنىڭ ئىككى ياقىسىغا جايلاشقان، ئۇنىڭ شىمالىي دېڭىز بىلەن بولغان ئارىلىقى 88 كىلومېتر بولۇپ، شېلىد دەرياسى ئارقىلىق شىمالىي دېڭىزغا چىقىدۇ. ئاھالىسى شەھەر رايونى بىلەن قوشۇلۇپ 700 مىڭدىن ئاشىدۇ. ئانتۋېرپېن 13 - ئەسىردە قۇرۇلغان، 1460 - يىلى ياۋروپا بويىچە بىرىنچى سودا مەركىزىگە ئايلانغان ھەمدە ياۋروپانىڭ شىمالىي قىسمىدىكى سودا ۋە قاتناش مەركىزى بولغان، 16 - ئەسىردە ياۋروپا بويىچە ئەڭ ئاۋات سودا شەھىرى ھەم گۈزەلك سەنئەت شەھىرى بولۇپ شەكىللەنگەن، ھازىر ئۇ دۇنيا بويىچە ئاتاقلىق پورتلارنىڭ بىرى، بېلگىيىنىڭ ئىككىنچى چوڭ سانائەت مەركىزى. شەھەردە نېفىت ئايرىش، خىمىيە، رەڭلىك مېتاللۇرگىيە، ئاپتوموبىل، پولات - تۆمۈر، ماشىنىسازلىق، كېمىسازلىق، دورىگەرلىك،توقۇمىچىلىق قاتارلىق سانائەتلەر زور دەرىجىدە تەرەققىي قىلغان. بۇ شەھەردە يەنە ئىككى ئاتوم ئېلېكتر ئىستانىسى بار. ئانتۋېرپېن — ياۋروپانىڭ شىمالىي قىسمىدىكى مۇھىم سودا مەركىزى، چوڭ قاتناش تۈگۈنى. شەھەر دېڭىز ياقىسىدىن 88 كىلومېتر ئىچكى قۇرۇقلۇقتا جايلاشقان بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ دېڭىز قاتنىشى زور دەرىجىدە تەرەققىي قىلغان. شېلىد دەريا ئېغىزىدىن يۇقىرى ئېقىمغا قاراپ يولغا چىققان پاراخوتلار بىۋاسىتە ئانتۋېرپېن شەھىرىگە كېلەلەيدۇ. ئانتۋېرپېن پورتىنىڭ سۈيى كۆتۈرۈلگەندە، سۇنىڭ چوڭقۇرلۇقى 18.5 مېترغا يېتىدۇ. ئوكيان پاراخوتلىرى شەھەر ئىچىگە بىمالال كىرەلەيدۇ، پورت يىلىغا 72 مىليون توننا يۈكنى بىر تەرەپ قىلالايدۇ. شەھەردىن بېلگىيىنىڭ ھەر قايسى چوڭ شەھەرلىرىگە بارىدىغان بىرنەچچە تارماق تۆمۈريول، تاشيوللار بار. ئۇنىڭدىن سىرت ئانتۋېرپېن شەھىرىنىڭ يېنىدىكى شېلىد دەرياسى قانال ئارقىلىق شەرقتىكى لىژ شەھىرىگە، لىژ شەھىرى ئارقىلىق رېيىن دەرياسىنىڭ ماس تارمىقىغا چىققىلى بولىدۇ. ئانتۋېرپېن شەھىرىدىن غەربتىكى ئوستېندې شەھىرىگە، پاراخوت ئارقىلىق دۆلەتنىڭ ھەر قايسى چوڭ شەھەرلىرىگە، قوشنا دۆلەتلەردىن شىمالدا گوللاندىيە، شەرقتە گېرمانىيە، جەنۇبتا فرانسىيىلەرگە ئۆتكىلى بولىدۇ. شۇڭا ئۇ، سۇ، قۇرۇقلۇق قاتنىشىنىڭ مۇھىم تۈگۈنى بولۇپ تۇرماقتا.