UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى شەھەرلەرلېگاسپى

لېگاسپى

دۇنيادىكى شەھەرلەر فىلىپپىننىڭ لۇسۇن ئارىلىنىڭ شەرقىي جەنۇب قىسمىدىكى شەھەر، ئالباي ئۆلكىسىنىڭ مەركىزى. قبۇ شەھەر 1636 - يىلى قۇرۇلغان. 1815 - يىلى ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى مايۇن ۋولقانى پارتىلىغانلىقتىن شەھەرنىڭ خېلى بىر قىسمى ۋەيران بولغان. 1907 - يىلى ئالباي شەھىرى بىلەن بىرلىشىپ ئالباي دەپ ئاتالغان. 1925 - يىلدىن كېيىن ئىسپانىيىنىڭ بىرىنچى باش ۋالىيىسى مىگورلوفىس. دې لېگاسپى نامىغا <لېگاسپى> دەپ نام بېرىلگەن. لېگاسپى شەھىرىنىڭ ئاھالىسى 85 مىڭدىن ئاشىدۇ. لېگاسپى شەھىرى مۇھىم تۆمۈر يول بېكىتى، مانىلادىن يولغا چىققان پويىز لۇسون ئارىلىنى بويلاپ شەرقىي جەنۇبقا قاراپ يۈرۈپ لېگاسپى شەھىرىگە كېلەلەيدۇ. بۇ جاينىڭ قۇرۇقلۇق، ھاۋا، سۇ قاتنىشى قولاي. لېگاسپى پورتى ئارقىلىق پالما قۇرۇقى، كەندىر قاتارلىقلار ئېكسپورت قىلىنىدۇ. شەھەردە كەندىر توقۇمىچىلىق، قەغەز، ماشىنىسازلىق، يېمەك - ئىچمەك قاتارلىق سانائەت ئورۇنلىرى بار.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى شەھەرلەر
لېگاسپى | UyghurWiki | UyghurWiki