ئوتتاۋا
دۇنيادىكى شەھەرلەر
كانادانىڭ پايتەختى، دۆلەتنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت ۋە قاتناش مەركىزى. بۇ شەھەر لاۋرىنتىيە دەرياسىنىڭ تارمىقى بولغان ئوتتاۋا دەرياسىنىڭ جەنۇبىي بىلەن رىبداۋ دەرياسىنىڭ قوشۇلغان يېرىگە جايلاشقان. شەھەر ئاھالىسى شەھەر رايونى بىلەن قوشۇلۇپ، 740 مىڭدىن ئاشىدۇ (1984)، بۇ جاي ئەسلى شۇ ئەتراپتىكى تېرە، يۇڭلارنى ساتىدىغان بازار بولغان. 1826 - يىلى ئونتارىئو كۆلىنى تۇتاشتۇرىدىغان قانال پۈتكەندىن كېيىن مۇھىم ھەربىي قورغانغا ئايلانغان. 1827 - يىلى شەھەر بولۇپ قۇرۇلۇشقا باشلىغان، 1854 - يىلى رەسمىي شەھەر قىلىپ قۇرۇلغان، 1867 - يىلى كانادانىڭ پايتەختى قىلىپ بېكىتىلگەن. شەھەرنىڭ نامى شۇ جايدىكى ئوتتاۋا دەرياسىنىڭ نامىغا بېرىلگەن. ئوتتاۋا شەھىرىنىڭ سانائىتى خېلى تەرەققىي قىلغان. شەھەردە ياغاچ ماتېرىياللىرى سانائىتى، قەغەز سانائىتى، نەشرىياتچىلىق سانائىتى ئاساسىي ئورۇندا تۇرىدۇ، ئۇنىڭدىن قالسا يېمەك - ئىچمەك، ئېلېكتر ئەسۋابلىرى، ماشىنىسازلىق، كىيىم - كېچەك قاتارلىق سانائەت ئورۇنلىرى بار. ئوتتاۋا مۇھىم تۆمۈر يول، سۇ قاتناش تۈگۈنى. دۆلەتنى شەرقتىن غەربكە كېسىپ ئۆتكەن مۇھىم غول تۆمۈريول لىنىيىسى ئوتتاۋا شەھىرىنى بېسىپ ئۆتىدۇ. ئوتتاۋا دەرياسى ئارقىلىق يولغا چىققان دەريا پاراخوتلىرى بەش كۆل رايونىدىكى پورتلار بىلەن بېرىش - كېلىش قىلالايدۇ. ئوتتاۋا شەھىرىدە ئاتاقلىق پارلامېنت بىناسى، ۋالىي مەھكىمە بىناسى، پەنلەر ئاكادېمىيىسى، مۇزېي قاتارلىق ئورۇنلار، شۇنداقلا ئاتاقلىق چېركاۋلار بار.