ماسكات
دۇنيادىكى شەھەرلەر
ئومان سۇلتانلىقىنىڭ پايتەختى، مۇھىم پورتى. بۇ شەھەر ئومان قولتۇقىنىڭ جەنۇبىغا، ھەجەر تېغىنىڭ شەرقىدىكى دېڭىز ياقىسىغا جايلاشقان. شەھەرنىڭ غەربىي تەرىپىنى تاغلىقلار قورشاپ تۇرىدۇ، شەھەر جايلاشقان ئورۇن غەربتىن شەرققە قاراپ پەسىيىپ بارىدۇ. بۇ ئورۇن 1970 - يىلغىچە كىچىك بىر شەھەر بولۇپ، 7-8 مىڭ ئاھالىسى بار ئىدى. 1970 - يىلدىن كېيىن ئومان دۆلىتى ھەرخىل ئىسلاھاتلارنى ئېلىپ باردى، ئۇ نېفىت كىرىمىگە تايىنىپ ئىقتىسادنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇردى. بۇنىڭ بىلەن شەھەرنىڭ تەرەققىياتى ناھايىتى تېز بولدى، شەھەر ئاھالىسى كۆپىيىپ 200 مىڭدىن ئاشتى (1984). ماسكات شەھىرىدە ئېگىز قەۋەتلىك مېھمانخانىلار، سودا ماگىزىنلىرى، مەكتەپلەر، دوختۇرخانىلار، يېڭى ئولتۇراق جايلار سېلىنىپ، شەھەرنىڭ كۆرۈنۈشى يېڭىلاندى. خەلق پۇلسىز ئوقۇش، پۇلسىز داۋالىنىش شارائىتىگە ئىگە قىلىندى. شەھەرنىڭ قاتناش - ترانسىپورتىمۇ زور دەرىجىدە تەرەققىي قىلىپ، يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيوللار سېلىندى. شەھەرنىڭ غەربىدە 1972 - يىلى زامانىۋى خەلقئارا ئايرودروم سېلىندى، بۇ ھازىر ياۋروپا، ئاسىيا، ئافرىقىلارغا بارىدىغان مۇھىم ھاۋا قاتناش بازىسىغا ئايلاندى. ماسكات شەھىرىدە تۇزلۇق سۇ تاتلىق سۇغا ئايلاندۇرۇش زاۋۇتى، سېمونت، خىمىيىۋى ئوغۇت، نېفىت ئايرىش زاۋۇتى قاتارلىق سانائەت ئورۇنلىرى بار. شەھەرنىڭ يېنىدىكى ماتراھ پورتى ئارقىلىق نېفىت، خورما، ئانار، قۇرۇق مېۋە، بېلىق ۋە بېلىق مەھسۇلاتلىرى ئېكسپورت قىلىنىدۇ.