تورىن
دۇنيادىكى شەھەرلەر
ئىتالىيىنىڭ شىمالىدىكى پو دەرياسىنىڭ غەربىي شىمال قىسمىغا جايلاشقان شەھەر. ئۇ پېمونت رايونىنىڭ مەركىزى ھېسابلىنىدۇ. شەھەر جايلاشقان ئورۇننىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 243 مېتر كېلىدۇ. ئاھالىسى بىر مىليون 200 مىڭدىن ئاشىدۇ. تورىن شەھىرى 1720 - يىلى ساردىن پادىشاھلىقىنىڭ مەركىزى بولغان. 1861 - يىلىدىن 1865 - يىلىغىچە ئىتالىيە پادىشاھلىقىنىڭ پايتەختى بولغان. ھازىر ئۇ ئىتالىيە بويىچە ئەڭ زامانىۋى شەھەرلەرنىڭ بىرى بولۇپ، سودا - سانائەت جەھەتتە مىلان شەھىرىدىن قالسا دۆلەت بويىچە ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. ئۇنىڭ سودا - سانائىتى بەك تەرەققىي قىلغان. بولۇپمۇ ئۇنىڭ ئاپتوموبىل سانائىتى ئىتالىيە بويىچىلا ئەمەس، ياۋروپا بويىچىمۇ ناھايىتى ئاتاقلىق. ئۇ جايدا ئىشلەپچىقىرىلىغان ئاپتوموبىل پۈتۈن ئىتالىيە بويىچە ئىشلەپچقىرىلغان ئاپتوموبىللارنىڭ 90% تىنى ئىگىلەيدۇ. شۇڭا ئۇ ئىتالىيىنىڭ ئاپتوموبىل پايتەختى دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ جايدا ئىشلەپچىقىرىلغان <فىيات> ماركىلىق ئاپتوموبىل دۇنيا بويىچە داڭلىق بولغانلىقتىن <فىيات ماركىلىق ئاپتوموبىل شەھىرى> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. تورىن شەھىرىدە ئاپتوموبىل سانائىتىدىن باشقا يەنە ئايروپىلان، تراكتور، پولات - تۆمۈر، ستانوك، توقۇمىچىلىق، خىمىيە، ئېلېكتر ئەسۋابلىرى، نەشرىياتچىلىق قاتارلىق سانائەتلەرمۇ زور دەرىجىدە تەرەققىي قىلغان. تورىن ئىتالىيىنىڭ شىمالىدىكى مۇھىم قاتناش تۈگۈنى، مۇھىم مەدەنىيەت مەركىزى. بۇ جايدىن مىلان، گېنويا، رىم شەھەرلىرىگە بارىدىغان تۆمۈريول، تاشيوللار بار. ئىتالىيە بىلەن فرانسىيە چېگرىسىدىكى چوڭ مۇقەددەس بىرناند تۆمۈريول تونېلى بۇ شەھەردىكى يوللار بىلەن تۇتىشىدۇ. تورىندا قەدىمىي بارك شەكلىدىكى چېركاۋلار، قەدىمىي ھەشەمەتلىك قۇرۇلۇشلار، 1404 - يىلى قۇرۇلغان داشۆ ھەم شۆيۈەنلەر بار.