داكار
دۇنيادىكى شەھەرلەر
سېنېگال جۇمھۇرىيىتىنىڭ پايتەختى، دۆلەتنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت ۋە قاتناش مەركىزى، غەربىي ئافرىقا بويىچە مۇھىم پورتلارنىڭ بىرى. داكار شەھىرىنىڭ خەلقئارا دېڭىز، ھاۋا قاتنىشىدىكى رولى ناھايىتى مۇھىم. ئۇ غەربىي ئافرىقىنىڭ ئاتلانتىك ئوكيانغا ئۈسۈپ چىققان يېشىل تۇمشۇق يېرىم ئارىلى (پىر يېرىم ئارىلى) غا جايلاشقان بولۇپ، ياۋروپادىن جەنۇبىي ئامېرىكىلارغا بارىدىغان مۇھىم دېڭىز، ھاۋا قاتناش يولى. بۇ پورتنىڭ ئۈسكۈنلىرى خېلى زامانىۋى بولۇپ، يىلىغا 5 مىليون 500 مىڭ توننا يۈكنى بىر تەرەپ قىلالايدۇ. داكار پورتى 1861 - يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، بىرلا ۋاقىتتا چوڭ تىپتىكى ئوكيان پاراخوتلىرىدىن 40 دىن ئارتۇقى كىرىپ توختىيالايدۇ. داكار خەلقئارا ئايرودرومى ئارقىلىق دۇنيانىڭ ھەر قايسى چوڭ شەھەرلىرى بىلەن بېرىش - كېلىش قىلغىلى بولىدۇ. داكار شەھىرىنىڭ ئاھالىسى بىر مىليوندىن ئاشىدۇ (1984)، ئۇ جايدا چوڭ تىپتىكى ياغ زاۋۇتى، نېفىت ئايرىش زاۋۇتى، بېلىق كونسېرۋا زاۋۇتى، بوياقچىلىق، كېمىسازلىق، خىمىيە، تاماكا، يېمەك - ئىچمەك قاتارلىق سانائەت ئورۇنلىرى بار. داكار شەھىرى قۇرۇقلۇقتا تۆمۈريول ئارقىلىق شىمالدىكى سېن - لۇي شەھىرى، شەرقتە كىدىرا شەھىرى ئارقىلىق مالىنىڭ پايتەختى باماكۇلار بىلەن تۇتىشىپ تۇرىدۇ. مالى، ماۋرىتانىيىلەرنىڭ بىر قىسىم ماللىرى داكار پورتى ئارقىلىق ئېكسپورت قىلىنىدۇ.