دنېپر دەرياسى
دۇنيادىكى شەھەرلەر
سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ياۋروپا قىسمىدىكى ئىككىنچى چوڭ دەريا بولۇپ، شەرقىي ياۋروپا تۈزلەڭلىكىدىكى ۋالداي ئېدىرلىقىدىن باشلىنىپ، جەنۇبقا قاراپ بلاروسىيە، ئوكرائىنالارنى بېسىپ ئۆتۈپ قارا دېڭىزغا قۇيۇلىدۇ. ئۇزۇنلۇقى 2201 كىلومېترغا يېتىدۇ، كۆلىمى 504 مىڭ كۋادرات كىلومېتر كېلىدۇ. دەريانىڭ قۇيۇلۇش ئاغزىدىكى ئوتتۇرىچە ئېقىم مىقدارى 1700 كۇب مېتر سېكۇنت، يىللىق ئومۇمىي ئېقىم مىقدارى 53 كۇب كىلومېتر كېلىدۇ. ئاساسىي تارماقلىرىدىن دېسنا دەرياسى، سۇلا دەرياسى، پرپىيات دەرياسى قاتارلىق دەريالىرى بار. دنېپر دەرياسى يۇقىرى ئېقىمىدا قاناللار ئارقىلىق نېمان دەرياسى، غەربىي بۇگ دەرياسى (پولشا)، غەربىي دىۋنىيا دەريالىرى بىلەن تۇتاشتۇرۇلغان. دەريا يولىدا كىيېۋ، دنېپر، كاخوپكا قاتارلىق ئالتە سۇ ئېلېكتر ئىستانىسى بار. دەريانىڭ دوروكوبۇژىدىن تۆۋەن قىسمىدا قاتناش قىلىشقا بولىدۇ، قاتناش مۇساپىسى 1990 كىلومېترغا يېتىدۇ. ھەر يىلى 3 - 4 ئاي مۇز توڭلايدۇ. دەريا بويىدا كيېف، كرېمېچوگ، دنېپر پېتروۋسكى، زاپوروژې، خېرسون قاتارلىق دەريا پورتلىرى بار.