UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى شەھەرلەركامبرىج

كامبرىج

دۇنيادىكى شەھەرلەر ئەنگلىيىنىڭ شەرقىي جەنۇبىي قىسمىدىكى خەلقئاراغا مەشھۇر ئالىي مەكتەپ شەھىرى، كامبرىج ۋىلايىتىنىڭ مەركىزى. كامبرىج شەھىرى لوندوندىن 90 كىلومېتىر شىمالىدىكى كام دەريا بويىغا جايلاشقانلىقى ئۈچۈن كامبرىج دەپ ئاتالغان. كامبرىج شەھىرىنىڭ ئاھالىسى 106 مىڭدىن ئاشىدۇ (1976)، شەھەردىى ئۆي ئىمارەتلەر، چېركاۋلار كونا پوسۇندا سېلىنغان، ئالاھىدىسى كامبرىج داشۆسى 1209 - يىلى سېلىنغان بولۇپ، بۇنىڭ 10 مىڭدىن ئوشۇق ئوقۇغۇچىسى، 2000 دىن ئوشۇق تەتقىقاتچىسى، ئۈچ مىليون نۇسخا كىتابى بار كۇتۇپخانىسى، مۇزېي، ھەرخىل تەتقىقات ئورۇنلىرى بار. بۇنىڭدىن باشقا 1284 - يىلى قۇرۇلغان سىفەن شۆيۈەنى، 1564 - يىلى قۇرۇلغان تىرنىد شۆيۈەنى، دارۋىن داشۆسى، چېرچىل شۆيۈەنى قاتارلىق ئالىي مەكتەپلەرمۇ بار. دۇنياغا مەشھۇر پەن ئالىملىرىدىن نۇيۇتون، دارۋېن قاتارلىق كىشىلەر كامبرىج شەھىرىدىكى ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇغان ھەم شۇ جايدىكى مەكتەپلەردە ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان. كامبرىج شەھىرىدە ئىچىدە پەن، مەدەنىيەت ئورۇنلىرى، تارىخىي ئورۇنلار، قەدىمىي شەھەر خارابىلىرى، ئاتاقلىق چېركاۋلار بار. شەھەر رايونىدا قۇرۇلۇش - بىناكارلىق، نەشرىياتچىلىق، ھەرخىل ئوقۇتۇش ئەسۋابلىرىنى ياساش، ئۇن سېمونت زاۋۇتى قاتارلىق سانائەت ئورۇنلىرى بار.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى شەھەرلەر
كامبرىج | UyghurWiki | UyghurWiki