غەربىي ئاسىيا
دۇنيادىكى شەھەرلەر
ئاسىيانىڭ غەربىي جەنۇبى رايونىنى كۆرسىتىدۇ، شۇڭا غەربىي جەنۇبى ئاسىيا دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بۇ رايون كاسپىي دېڭىزى، قارا دېڭىز، يەر ئوتتۇرا دېڭىزى، قىزىل دېڭىز، ئەرەب دېڭىزىدىن ئىبارەت بەش دېڭىز ئارىلىقىدىن ئورۇن ئالغان. شۇڭا <بەش دېڭىز ئارىلىقىدىكى جاي> دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ جاي مەمۇرىي جەھەتتىن ئافغاقىستان، ئىران، تۈركىيە، سىپرۇس، سۈرىيە، لىۋان، پەلەستىن، ئىئوردانىيە، ئىراق، كۇۋەيت، سەئۇدى ئەرەبىستان، يەمەن جۇمھۇرىيىتى، ئوممان، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى، قاتار، بەھرەيىن، ئىسرائىلىيىدىن ئىبارەت 18 دۆلەت ۋە رايوننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئاھالىسى تەخمىنەن 170 مىليوندىن ئوشۇق (1984) بولۇپ، ئاھالىسىنىڭ ئاساسىي قىسمىنى ئەرەبلەر تەشكىل قىلىدۇ، ئۇنىڭدىن قالسا تۈرك، پارس، نىلىشتى، كۇرد، ئەزەربەيجان، يەھۇدى، تاجىك، ئەرمەن، ئۆزبېك، تۈركمەن، قىرغىز (لىۋاندا 30 مىڭدىن ئوشۇق قىرغىز بار)، بەختىيار، بىلوجى قاتارلىق مىللەتلەر بار. ئاھالىنىڭ مىللىي تەركىبى مۇرەككەپ، ئاھالىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى (تەخمىنەن %90 دىن كۆپى) ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ.