كۇك تاقىم ئاراللىرى
دۇنيادىكى شەھەرلەر
جەنۇبىي تىنچ ئوكيانغا جايلاشقان تاقىم ئاراللار بولۇپ، ئۇ چوڭ - كىچىك 15 ئارالنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ ئاراللار شىمالىي ئارال، جەنۇبىي ئارال دەپ ئىككى قىسىمغا بۆلۈنىدۇ، ئومۇمىي يەر مەيدانى 230 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. ئاھالىسى 19 مىڭ 600 دىن ئاشىدۇ (1982)، ئاھالىنىڭ كۆپىنى يەرلىك ماۋرى خەلقلىرى تەشكىل قىلىدۇ، ئۇنىڭدىن قالسا ئارىلاش قان سىستېمىسىدىكىلەر، ياۋروپالىقلار بار. پولىنېزىيە تىلىنى ئورتاق قوللىنىدۇ، شۇنداقلا ئىنگلىز تىلىنىمۇ قوللىنىدۇ. ئاھالىنىڭ كۆپى خرىستىئان دىنىغا، ئاز قىسمى كاتولىك دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ. مەركىزى ئاۋاروئا شەھىرى، كۇك تاقىم ئاراللىرىغا 18 - ئەسىرنىڭ ئاخىرقى يېرىمىدا ئەنگلىيە دېڭىزچىسى جېمىس كۇك بارغانلىقى ئۈچۈن، بۇ ئاراللارنىڭ نامىمۇ شۇ دېڭىزچىنىڭ نامىغا كۇك تاقىم ئاراللىرى دەپ نام قويۇلغان، بۇ ئاراللار 1888 - يىلدىن باشلاپ ئەنگلىيىنىڭ ھامىيلىقىدىكى يەر بولۇپ، 1901 - يىلدىن باشلاپ يېڭى زېلاندىيىنىڭ باشقۇرۇشىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن. 1965 - يىلدىن باشلاپ، ئىچكى ئاپتونومىيە ھوقۇقى بېرىلگەن. بىراق ھازىر يەنىلا يېڭى زېلاندىيىنىڭ باشقۇرۇشىدا بولۇۋاتىدۇ، ئىقتىسادىي جەھەتتە پوملىئون، بانان، كوكۇس پالمىسى، كوفى، مانىخوت، ئاناناس قاتارلىق تروپىك بەلباغ مېۋىلىرى ئۆستۈرۈلىدۇ. چارۋىچىلىقىدا ئۆچكە، چوشقا، كالا بېقىش ئاساسىي ئورۇندا تۇرىدۇ. سانائەتتە كىچىك تىپتىكى مېۋە كونسېرۋا زاۋۇتى، كىيىم - كېچەك كارخانىلىرى بىلەن قول سانائىتىنى ئاساس قىلىدۇ. مېۋە - چېۋە، كىيىم - كېچەك ئېكسپورت قىلىدۇ. ئاشلىق، يېقىلغۇ، توقۇمىچىلىق سانائەت مەھسۇلاتلىرى، ياغاچ، تاماكا، ئاپتوموبىل قاتارلىق سانائەت مەھسۇلاتلىرىنى ئىمپورت قىلىدۇ. ئاۋسترالىيە پۇلى بىلەن يەرلىك پۇلنى ئوخشاش ئىشلىتىدۇ.