كيېلېر قانىلى
دۇنيادىكى شەھەرلەر
گېرمانىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ شىمالىغا جايلاشقان بولۇپ، يوتلاندىيە يېرىم ئارىلىنى غەربتىن شەرققە كېسىپ ئۆتىدۇ. بۇ قانال <شىمالىي دېڭىز — بالتىق دېڭىز قانىلى> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئېلىبا دەريا ئاغزىدىكى برونسبوكتىلكودىن باشلىنىپ، كيېلېر قولتۇقى بويىدىكى خولتىنوغا قەدەر سوزۇلىدۇ. بالتىق دېڭىزى بىلەن شىمالىي دېڭىزنى تۇتاشتۇرۇپ تۇرىدۇ. بۇ قانال قېزىلغاندىن كېيىن، قاتناش مۇساپىسى 685 كىلومېتىر قىسقىراپ، خەلقئارادىكى مۇھىم سۇ قاتناش يولىغا ئايلاندى. بۇ قانال 1887 - يىلىدىن 1895 - يىلىغىچە قېزىلغان، 1907 - يىلىدىن 1914 - يىللىرى كېڭەيتىپ قېزىلغان. ئۇزۇنلۇقى 98.7 كىلومېتىر، سۇ يۈزىنىڭ كەڭلىكى 103 مېتىر، قاتناش يولىنىڭ چوڭقۇرلۇقى 11.3 مېتىر كېلىدۇ. قانالنىڭ ئالتە يېرىدە چۈشۈرگۈسى بار، كەڭلىكى 40 مېتىر كېلىدىغان پاراخوتلار ئۆتەلەيدۇ. بىر يىلدا قانالدىن ئۆتىدىغان سودا پاراخوتلىرى 60 مىڭدىن ئاشىدۇ، توشۇلىدىغان يۈك 78 مىليون توننىدىن ئاشىدۇ، ئاساسلىق كۆمۈر، پولات ماتېرىياللىرى، نېفىت، كان رۇدىسى قاتارلىق مەھسۇلاتلار يۆتكىلىدۇ.