مالۋىناس تاقىم ئاراللىرى
دۇنيادىكى شەھەرلەر
جەنۇبىي ئاتلانتىك ئوكياننىڭ غەربىي جەنۇبىغا جايلاشقان ئاراللار. بۇ ئاراللار بىلەن ئارگېنتىنانىڭ ئارىلىقى 450 كىلومېتىر كېلىدۇ، مەيدانى تەخمىنەن 12 مىڭ كۋادرات كىلومېتىرغا يېتىدۇ. بۇ ئاراللار سۇلەيدا (شەرقىي فولىكلېند)، چوڭ مالۋىناس (غەربىي فولىكلېند) ۋە ئۇلارنىڭ ئەتراپىدىكى تەخمىنەن 200 گە يېقىن ئۇششاق ئاراللارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، مالۋىناس تاقىم ئاراللىرىدىن 1000 كىلومېتىر شەرقتىكى ئوكيانغا جايلاشقان جەنۇبىي گېئورگىيە ئارىلى بىلەن جەنۇبىي ساندۋىچ ئاراللىرىمۇ مالۋىناس ئاراللىرىغا تەۋە بولىدۇ. بۇ ئاراللارنىڭ كۆپ قىسمىنى ئېدىرلىقلار، سازلىقلار تەشكىل قىلىدۇ. دېڭىز قىرغاقلىرى بەك ئەگرى - توقاي بولۇپ، كۆپىنچىسى تاشلىق قىرغاقلاردىن ئىبارەت. بۇ ئاراللار سوغۇق بەلباغقا جايلاشقان بولسىمۇ، لېكىن جەنۇبىي ئامېرىكىنىڭ شەرقىي جەنۇبىدىكى يىللىق ئېقىمنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ تۇرغانلىقى ئۈچۈن ھاۋاسى بەك سوغۇق ئەمەس، يىللىق ئوتتۇرىچە ھاۋا تېمپېراتۇرىسى ℃5.5، يىللىق ھۆل - يېغىن مىقدارى 600 مىللىمېتىردىن ئاشىدۇ. بۇ جايدا بۇلۇتلۇق، يامغۇرلۇق كۈنلەر 250 كۈندىن ئاشىدۇ. بۇ ئاراللاردا ئولتۇراقلاشقان ئاھالە 1900 دىن ئاشىدۇ (1984)، بۇنىڭ 97% نى ئەنگلىيىلىكلەرنىڭ ئەۋلادلىرى تەشكىل قىلىدۇ. يەرلىك خەلق چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. چارۋىچىلىق مەيدانلىرى كەڭ بولۇپ، ئاساسلىق قوي، كالا، ئات بېقىلىدۇ. بۇ جايدا ھەرخىل دېڭىز قۇشلىرى ياشايدۇ، پىنگۋىنلارنىڭ سانى تەخمىنەن 10 مىليوندىن ئاشىدۇ. بۇ ئاراللارغا 1520 - يىللىرى ئەتراپىدا كىشىلەر كۆچۈپ بارغان. 1764 - يىلى فرانسىيىلىكلەر بۇ جايدا ئولتۇراق جايلارنى سېلىپ بۇ جايغا <مالۋىنېس ئاراللىرى> دەپ نام بەرگەن. كېيىن 1767 - يىلى ئىسپانىيە پادىشاھى بىلەن فرانسىيە ئوتتۇرىسىدا بولغان كېلىشىم بويىچە بۇ ئاراللار ئىسپانىيىگە بېرىلگەن، ئاراللارنىڭ نامىنى مالۋىناس ئاراللىرى دەپ قوللانغان. 1982 - يىلى 4 - ئاينىڭ 2 - كۈنى ئارگېنتىنا قايتۇرۇۋالغاندىن كېيىن مالۋىناس ئاراللىرى دەپ ئاتالغان. مەركىزىنى مالۋىناس پورتىغا ئۆزگەرتتى. بىراق ئۇزۇن ئۆتمەي ئەنگلىيە دېڭىز، ھاۋا ئارمىيە كۈچلىرى بىلەن بۇ ئاراللارنى قورشاپ قايتا كونتروللۇقىغا كىرگۈزۈۋالدى. بۇ ئاراللارنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى مەسىلىسىدە ئارگېنتىنا بىلەن ئەنگلىيە ئوتتۇرىسىدا تالاش - تارتىش تۈگىمىدى.