UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى شەھەرلەرباففىن قولتۇقى

باففىن قولتۇقى

دۇنيادىكى شەھەرلەر شىمالىي مۇز ئوكياندىكى يېرىم يېپىق دېڭىز، ئۇ گرېنلاندىيە، باففىن، ئەلسىمىر ئاراللىرىىڭ ئوتتۇرىسىغا جايلاشقان. داۋىس بوغۇزى ئارقىلىق ئاتلانتىك ئوكيان بىلەن، روبېسون ۋە سىمىت ئارقىلىق شىمالىي مۇز ئوكيان بىلەن تۇتىشىپ تۇرىدۇ. مەيدانى 689 مىڭ كۋادرات كىلومېتر، ئوتتۇرىچە چوڭقۇرلۇقى 861 مېتر، ئەڭ چوڭقۇر جايى 2744 مېتر كېلىدۇ. سۇ يۈزىنىڭ فېۋرال ئېيىدىكى تېمپېراتۇرىسى ℃0 دىن ℃5 غىچە بولىدۇ. باففىن قولتۇقى بىلەن شۇ جايدىكى باففىن ئارىلىنىڭ نامى 1616 - يىلى شۇ رايونغا بېرىپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان ئىنگلىز قۇتۇپ ساياھەتچىسى باففىنى خاتىرىلەش ئۈچۈن بېرىلگەن.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى شەھەرلەر