مەشھەد
دۇنيادىكى شەھەرلەر
ئىراننىڭ شەرقىي شىمال قىسمىغا جايلاشقان چوڭ شەھەر، خۇراسان ئۆلكىسىنىڭ مەركىزى، ئىراننىڭ شەرقىي شىمالىدىكى مۇھىم ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت ۋە قاتناش مەركىزى. ئۇنىڭ چوڭلۇقى ئىران بويىچە ئۈچىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. ئاھالىسى 670 مىڭدىن ئاشىدۇ (ئىران ھۆكۈمىتى بۇ شەھەرنىڭ نامىنى ئىسلام چالېھ دەپ ئۆزگەرتتى). بۇ جايدا مىلادىيە 809 - يىلى شىئە مەزھىپىدىكى ئىمام ئالى زاسا زىيانكەشلىككە ئۇچراپ ئۆلتۈرۈلگەن، ئۇنىڭ قەبرىسى شۇ جايدا قويۇلغان. ئۇنىڭدىن باشقا بۇ جايدا يەنە مەشھۇر ھۈسۈيۈن، مەشھەد سائا قاتارلىق ئىسلام دىنىنىڭ ئالىيجاناب كىشىلىرىنىڭ قەبرىسى بار. شۇڭا بۇ جاي ئىسلام دىنىنىڭ شىئە مەزھىپىدىكىلەرنىڭ تاۋاپ قىلىدىغان مۇقەددەس جايىغا ئايلانغان. شەھەرنىڭ نامىمۇ شۇ كىشىلەرنىڭ نامىغا بېرىلگەن. مەشھەد ئىراننىڭ شەرقىي شىمال قىسمىدىكى مۇھىم سانائەت رايونى، ئۇنىڭ ئەتراپىدا يېزا ئىگىلىكىمۇ خېلى تەرەققىي قىلغان. شەھەردە توقۇمىچىلىق، كۆن - خۇرۇم، شېكەر، شال ئاقلاش، ئۇن، ھاراق ئىشلەش، مېۋە كونسېرۋاسى ئىشلەش، گىلەمچىلىك قاتارلىق كارخانىلار بار. مەشھەد ئىراننىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ئافغانىستانلار ئوتتۇرىسىدىكى مۇھىم سودا، قاتناش يولى، يىراق شەر، غەربۈىي ئاسىيانى تۇتاشتۇرۇپ تۇرىدىغان قەدىمىي يىپەك يولى ئۈستىدىكى مۇھىم بېكەت. شەھەردە نۇرغۇنلىغان مەسچىتلەر، ئالىي مەكتەپلەر، مۇھىم تارىخىي ئورۇنلار بار.