UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى شەھەرلەرئاشخاباد

ئاشخاباد

دۇنيادىكى شەھەرلەر سوۋېت ئىتتىپاقى تۈركمەنسىتان سوۋېت سوتسىيالىستىك جۇمھۇرىيىتىنىڭ پايتەختى. ئۇنى تۈركمەنچە <ئاشگابات> دەپ ئاتايدۇ. ئۇ 1919 - يىلغىچە ئاشخاباد، 1927 - يىلغىچە پولتۋاتسكى دەپمۇ ئاتالغان. شەھەر ئاھالىسى 356 مىڭغا يېتىدۇ (1985)، ئاشخاباد شەھىرى جايلاشقان ئىران بىلەن بولغان ئارىلىقى 30 كىلومېتردىن ئاشىدۇ، شەھەر تاشكەنت — كراسونوۋدىسكى تۆمۈريول بويىغا جايلاشقان. ئاشخاباد 1881 - يىلى شەھەر بولۇپ قۇرۇلغان. ئۇ دەسلەپتە ئارقا كاسپىي رايوننىڭ مەركىزى، كېيىنچە روسىيە بىلەن ئىران ئوتتۇرىسىدىكى مۇھىم سودا پونكىتى بولغان. ھازىرقى ئاشخاباد تۈركمەنىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ سىياسىي، ئىقتسادىي، مەدەنىيەت مەركىزى. ئاساسىي قاتناش تۈگۈنى بولۇپ تۇرماقتا. ئۇ سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى ئىتىتپاقداش جۇمھۇرىيەتلەرنىڭ پايتەختلىرى ئىچىدە ئەڭ جەنۇبقا جايلاشقان شەھەر. بۇ جايدىن موسكۋا، تاشكەنت، كاۋكاز ۋە باشقا جايلارغا بارىدىغان ھاۋا يوللىرى بار. شەھەرنىڭ يېمەك - ئىچمەك، پاختا توقۇمىچىلىق، ئەينەك سانائەتلىرى تەرەققىي قىلغان. شەھەردە يەنە ماشىنسازلىق، مېتالچىلىق، (نېفىت سانائەت ئۈسكۈنلىرى) سانائەتلىرىمۇ بار. ئاشخاباد يەر تەۋرەش بەلبېغىغا جايلاشقان شەھەر بولۇپ، 1984 - يىلى يۈز بەرگەن يەر تەۋرەشتە پۈتۈنلەي ۋەيران بولغان. ھازىرقى شەھەر قايتىدىن قۇرۇلغان ئاشخاباد شەھىرى قاتناش ئورنى جەھەتتىن ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ (بولۇپمۇ قەدىمكى دەۋردە)، بۇ شەھەر ئارقىلىق غەربتە ئىراننىڭ خۇراسان ئۆلكىسىگە ۋە قاراقۇم ئارقىلىق كاسپىي بويلىرىغا، شىمالىي رايونلارغا بارغىلى بولىدۇ. شۇ رايونلارغا بېرىشتا چۆللۈكلەردىن ئۆتۈشكە توغرا كەلگەن. باشقا رايونلاردىن ئاشخاباردقا كېلىدىغان كىشىلەرمۇ ئاشخابادتا تاتلىق سۇ، ئوبدان تۇرار جايغا، يېمەكلىكلەرەە ئىگە بولغان. ئۆز زامانىسىدىكى كىشىلەر يىراق يوللارنى بېسىپ ئۆتۈشتە بۇ شەھەرنىڭ ئۆزلىرىگە كەلتۈرگەن ياخشى شارائىتىغا، تۈركمەنىستاندىكى ئەڭ ياخشى بوستانلىق بولۇش شارائىتىغا قاراپ ئاشخاباد (ئاشخاباد سۆزىنىڭ ئاساسى) سۆيۈملۈك جاي دەپ ئاتىغان.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى شەھەرلەر
ئاشخاباد | UyghurWiki | UyghurWiki