لايىن تاقىم ئاراللىرى
دۇنيادىكى شەھەرلەر
تىنچ ئوكياننىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا، شىمالىي كەڭلىك 6°24′ بىلەن جەنۇبىي كەڭلىك 11°26′، غەربىي ئۇزۇنلۇق 151°48′ بىلەن 162°22′ ئارىلىقىغا جايلاشقان. بۇ ئاراللار غەربىي شىمالغا قاراپ 2600 كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتا سوزۇلۇپ تۇرىدۇ، تىنچ ئوكايندا ئەڭ ئۇزۇن سوزۇلغان ئاراللار توپىنىڭ بىرى. بۇ ئاراللار ئىڭمامەن خادا تاش ئارىى، فانىنينگ، ۋاشىنگتون، روژدېستۋا، مولدېن، كارولىن ھەم فىلنت قاتارلىق 11 ئاراللار گۇرۇپپىسىدىن تەشكىل بولغان. مەيدانى 767 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ، ئاھالىسى 1570 دىن ئاشىدۇ، ئاساسلىق پولېنزىيە خەلقلىرى ياشايدۇ. بۇ ئاراللارنىڭ ئىڭمان، پالمىدا، جاۋىس ئاراللىرىنى ئا ق ش ئىگىلىگەندىن سىرت، قالغان ئاراللارنى ئەنگلىيە ئىگىلەپ تۇرماقتا. بۇ ئاراللارنىڭ ھاۋاسى يىلبويى ئىسسىق بولىدۇ، پالما، كاكائو قاتارلىق زىرائەتلەر ئۆستۈرۈلىدۇ، مەرۋايىت ئېلىنىدۇ.