ئايال پادىشاھ ئېلزابىت تاقىم ئاراللىرى
دۇنيادىكى شەھەرلەر
كانادانىڭ شىمالىي مۇز ئوكيان ئىچىگە جايلاشقان تاقىم ئاراللار بولۇپ، ئېلىسمىزئارىلى (ئەڭ چوڭ ئارال)، سۋېردروژ تاقىم ئاراللىرى، پاررىي تاقىم ئاراللىرى قاتارلىق نۇرغۇن ئاراللارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئومۇمىي يەر مەيدانى 414 مىڭ 400 كۋادرات كىلومېتر كېلىدۇ. بۇ ئاراللار ئۈچ بۇرجەك شەكىلدە بولۇپ، جەنۇبىي تەرىپى شىمالىي كەڭلىك 750 قا قەدەر كېلىدۇ، ئەڭ شىمالىنىڭ شىمالىي قۇتۇب بىلەن بولغان ئارىلىقى 800 كىلومېتر كېلىدۇ. بۇ ئاراللار كانادانىڭ غەربىي شىمال رايونىنىڭ فرانكلىن شۆبە رايونىغا تەۋە بولۇپ تۇرىدۇ.