UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى شەھەرلەرئاقتۆپە شەھىرى

ئاقتۆپە شەھىرى

دۇنيادىكى شەھەرلەر سوۋېت قازاقسىتان جۇمھۇرىيىتى ئاقتۆپە ئوبلاستىنىڭ مەركىزى، ئۇ ئورال دەرياسىنىڭ تارمىقى بولغان ئىپىك دەرياسىنىڭ سول قىرغىقىغا جايلاشقان. شەھەر ئاھالىسى 191 مىڭدىن ئاشىدۇ (1979). بۇ جاي 1869 - يىلىدا كىچىك بىر قىشلاق بولۇپ، شۇ ئاساستا تەرەققىي قىلىپ 1893 - يىلى شەھەر بولۇپ قۇرۇلغان. 1932 - يىلى ئوبلاست بولۇپ قۇرۇلغان. ئاقتۆپە دېگەن نام شۇ جاينىڭ تەبىئىي مەنزىرىسىگە ئاساسەن قويۇلغان. شەھەردە چوڭ تىپتىكى پولات - تۆمۈر بىرلەشمە كارخانىسى، ماشىنىسازلىق سانائەت ئورۇنلىرى، يېمەك - ئىچمەك زاۋۇتلىرى، ئالىي مەكتەپلەر، موزېيخانا، ئابسېرىۋاتورىيىلەر بار.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى شەھەرلەر