باللېنى ئاراللىرى
دۇنيادىكى شەھەرلەر
تىنچ ئوكياننىڭ جەنۇبى، ئانتاركتىداغا يېقىن ئورۇنغا جايلاشقان ئۇششاق ۋولقان ئاراللىرىدىن ئىبارەت. ئۇ جەنۇبىي كەڭلىك 66°15′-67°40′ بىلەن شەرقىي ئۇزۇنلۇق 162°15′-164°45′ لارنىڭ تۇتاشقان جايىغا توغرا كېلىدۇ. ئۇ ئاراللار شەرقىي جەنۇبتىن غەربىي شىمالىغا قاراپ زەنجىرسىمان ھالەتتە 160 كىلومېتر ئۇزۇنلۇقتا سوزۇلۇپ تۇرىدۇ. بۇ ئاراللارنىڭ ئەڭ ئېگىز قىسمى دېڭىز يۈزىدىن 3660 مېتر ئېگىز تۇرىدۇ. ئاراللارنىڭ يەر ئۈستى مۇزلار بىلەن قاپلىنىپ تۇرىدۇ. ئارالدائولتۇراقلاشقان ئاھالە يوق. باللېنى ئاراللىرىنى 1839 - يىلى ئەنگلىيىلىك دېڭىز ساياھەتچىسى جى باللېنى تاپقانلىقى ئۈچۈن بۇ ئاراللارنىڭ نامى شۇنىڭ نامىغا بېرىلگەن.