UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى شەھەرلەرئودېر دەرياسى

ئودېر دەرياسى

دۇنيادىكى شەھەرلەر ياۋروپانىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى دەريا. باش مەنبەسى چېخوسلوۋاكىيىنىڭ شىمالىدىكى ئودېر تاغلىرىدىن باشلىنىپ، پولشىنىڭ غەربىي جەنۇبىنى بېسىپ ئۆتۈپ، سول تەرەپتىن ئېقىپ كېلىدىغان نىس دەرياسىنى ئۆزىگە قوشقاندىن كېيىن شىمالغا قاراپ پولشا، گېرمانىيىنىڭ چېرگرىسىنى بويلاپ ئېقىپ، بالتىق دېڭىزىنىڭ شېتسىن قولتۇقىغا قۇيۇلىدۇ. ئۇزۇنلۇقى 903 كىلومېتىرغا يېتىدۇ، كۆلىمى 125 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. بۇ دەريانىڭ ۋارتا، نىس، نىس - كفوژكا قاتارلىق تارماقلىرى بار. دەريا بويىدا ئوسسىتراۋا (چېخ)، ئوپولى، بروتسلاۋ، شېتسىن (پولشا)، فرانكفۇرت (گېرمانىيە) قاتارلىق پورتلار بار. دەريانىڭ سۇ قاتنىشى تەرەققىي قىلغان، پولشىنىڭ كورلې شەھىرىدىن باشلاپ دەريا پاراخوتلىرى قاتنىيالايدۇ. ئودېرا دەرياسىدىن ئېلبا، ۋىسۋا دەريالىرىنىڭ تارماقلىرىغا تۇتاشتۇرۇلغان قاناللارمۇ بار.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى شەھەرلەر
ئودېر دەرياسى | UyghurWiki | UyghurWiki