سۇۋا
دۇنيادىكى شەھەرلەر
جەنۇبىي تىنچ ئوكياندىكى ئارال دۆلەت فىجىنىڭ پايتەختى، مۇھىم پورتى. بۇ شەھەر ۋىت ئارىلىنىڭ شەرقىي جەنۇبىدىكى سۇۋا قولتۇق بويىغا جايلاشقان. پورتنىڭ سۈيى چوڭقۇر، 40 مىڭ توننىلىق پاراخوتلار كېلىپ توختىيالايدۇ. پورتنىڭ سىرتىنى مارجان ئاراللىرى قورشاپ تۇرىدۇ. ئاھالىسى 68 مىڭ 200 دىن ئاشىدۇ (1982). سۇۋا 1880 - يىلى قۇرۇلغان، 1882 - يىلى مەركەز بولغان.