UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى شەھەرلەرتاتارىستان ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتى

تاتارىستان ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتى

دۇنيادىكى شەھەرلەر سوۋېت ئىتتىپاقى رۇس فېدېراتسىيىسىنىڭ بىر مەمۇرىي رايونى بولۇپ، ۋولگا دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا ئېقىمى بىلەن كاما دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىم بويلىرىغا جايلاشقان. مەيدانى 68 مىڭ كۋادرات كىلومېتر كېلدۇ. ئاھالىسى 3 مىليون 513 مىڭدىن ئوشۇق (1985) بولۇپ، يېرىمىنى تاتارلار تەشكىل قىلىدۇ. قالغىنىنى رۇس، چوۋاش، موردوۋا قاتارلىق مىللەتلەر ئىگىلەيدۇ. مەركىزى قازان شەھىرى. تاتارىستان 1920 - يىلى ئاپتونوم جۇمھۇرىيەت بولۇپ قۇرۇلغان. يېرىنىڭ %90 نى تۈزلەڭلىك ئورۇنلار ئىگىلەيدۇ، شەرقىي جەنۇب قىسمىدا يەر ۋەزىيىتى ئانچە ئېگىز بولمىغان ئېدىرلىق رايونلار بار. سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ <ئىككىنچى باكو> نېفىتلىكى دەپ ئاتالغان رايوننىڭ بىر قىسمى تاتارىستانغا جايلاشقان. بۇ جايلاردا نېفىتتىن باشقا، مايلىق سلانتىس، تورف، گىپىس، فوسفورلۇق كان بايلىقلىرى بار. ئىقلىمى سۇبتروپىك بەلباغ ماتېرىكا خاراكتېرلىك ئىقلىم تىپىغا كىرىدۇ، يىللىق ھۆل - يېغىن مىقدارى 360-510 مىللىمېترغا يېتىدۇ. تاتارىستاننىڭ سانائىتى، سۇ، قۇرۇقلۇق قاتنىشى تەرەققىي قىلغان، سانائىتىدە نېفىت سانائىتى ئاساسىي ئورۇننى ئىگىللەيدۇ. نېفىت تۇرۇبا ئارقىلىق موسكۋا، كورگ ھەم شەرقىي ياۋرۇپا دۆلەتلىرىگە تارقىلىدۇ. قازان شەھىرىنى مەركەز قىلغان تۆمۈر يول، تاش يوللار دۆلەتنىڭ ھەر قايسى چوڭ شەھەرلىرىگە تۇتىشىپ تۇرىدۇ. ۋولگا دەرياسىدا قاتناپ تۇرىدىغان پاراخوتلار قازان پورتىدا توختاپ ئۆتىدۇ. پىششىقلاپ ئىشلەش سانائىتىدە نېفىت خىمىيە، نېفىت ماشىنىلىرىنى ئىشلەش، تېرە - يۇڭ قاتارلىق سانائەتلەر ئاساسىي ئورۇندا تۇرىدۇ. يېزا ئىگىلىكىدە بۇغداي، قارا بۇغداي، ياڭيۇ، قىزىلچا قاتارلىق زىرائەتلەرنى ئۆستۈرۈلىدۇ. بۇ جايدا ھەرخىل ياۋايى ھايۋانلارنى بېقىش تەرەققىي قىلغان. مۇھىم شەھەرلىرى ئالمېمېۋىسكى، بۇگۇلما، تۆۋەندىكى كامالكى قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى شەھەرلەر