UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى شەھەرلەرپلويېشتى

پلويېشتى

دۇنيادىكى شەھەرلەر رۇمىنىيىنىڭ شەرقىي جەنۇبى قىسمىغا جايلاشقان نېفىت شەھىرى. رۇمىنىيىنىڭ مۇھىم سانائەت مەركەزلىرىنىڭ بىرى. پلو يېشتى كارپات تاغلىرىنىڭ جەنۇبىي ئېتىكىگە جايلاشقان. شەھەر ئاھالىسى شەھەر رايونى بىلەن قوشۇلۇپ 254 مىڭدىن ئاشىدۇ. بۇ جايغا 14 - ئەسىردە رۇمىنىيىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى ترانسىلىۋانىيىدىن قېچىپ كەلگەن دېھقانلار ئولتۇراقلاشقان. 1545 - يىلى شەھەر بولۇپ قۇرۇلغان. شەھەرنىڭ نامى ترانسىلىۋانىيىدىن قېچىپ كەلگەن بىر پېشقەدەم <پلويې> دېگەن كىشى نامىغا بېرىلگەن، كېيىن تەدرىجىي تەرەققىي قىلىپ ھازىرقى شەھەرنىڭ ئاساسى شەكىللەنگەن. پلويېشتى شەھىرى رۇمىنىيە بويىچىلا ئەمەس، ياۋروپا بويىچىمۇ ئاتاقلىق <نېفىت شەھىرى>. ئۇ ئۆزىنىڭ نېفىت سانائىتى بىلەن رۇمىنىيىدە ئالاھىدە ئورۇن تۇتىدۇ. بۇ جايدا دۆلەت بويىچە ئەڭ چوڭ تىپتىكى نېفىت ئايرىش زاۋۇتى، نېفىت خىمىيە سانائىتى، نېفىت ماشىنىلىرى زاۋۇتى بار. ئۇنىڭدىن سىرت توقۇمىچىلىق، يېمەك - ئىچمەك قاتارلىق سانائەتلەرمۇ تەرەققىي قىلغان. پلويېشتى دۆلەت بويىچە مۇھىم قاتناش تۈگۈنى. ئۇ جايدىن جەنۇبتىكى بوخارېستقا، شەرقتىكى پولات شەھىرى گالاتىسقا، غەربىي كرايىۋاغا، شىمالدىكى براسوف شەھەرلىرىگە بارىدىغان مۇھىم تۆمۈريول لىنىيىلىرى بار. ئۇنىڭدىن سىرت پلويېشتىدىن باشلىنىپ جەنۇبتىكى بۇخارېست، جورغا، غەربتىكى كىرايىۋا، تۇرنو سېۋېرنىغا، شەرقتىكى گالاتىس، كونىستانتىسا شەھىرىگە، شىمالىي بىراسوف شەھىرىگە تۇتىشىدىغان نېفىت ئاققۇزۇش تۇرۇبىسى بار. ئۇ قۇرۇقلۇق قاتنىشىنىڭ، تۇرۇبا ترانسپورتىنىڭ مۇھىم تۈگۈنى ھېسابلىنىدۇ. شەھەردە نېفىت شۆيۈەنى، نېفىت خىمىيە تەتقىقات ئورنى، نېفىت مۇزېيى ۋە باشقا مەدەنىيەت ئورۇنلىرى بار.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى شەھەرلەر
پلويېشتى | UyghurWiki | UyghurWiki