ۋېر خويانىسكى
دۇنيادىكى شەھەرلەر
سوۋېت ياقۇت ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتىنىڭ ۋېرخويانىسكى ئويمانلىقىغا جايلاشقان بىر كەنت بولۇپ، سىبىرىيىنىڭ شەرقىي شىمالدىكى يانا دەريا بويىغا جايلاشقان، شەرقىي جەنۇبتەىكى ياقۇتىسكىي شەھىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 900 كىلومتىر كېلىدۇ. ئاھالىسى تەخمىنەن 2000 دىن ئاشىدۇ. بۇ ئورۇن 1638 - يىلى سېلىنغان بولۇپ، چارروسىيە دەۋرىدە جىنايەتچىلەرنى سۈرگۈن قىلىدىغان ئورۇن بولغان. ھازىر بۇ جادين قەلەي، ئالتۇن قاتارلىق كان بايلىقلىرى ئېلىنىدۇ، ھەر يىلى 11 - ئايدىن ئىككىنچى يىلى 2 - ئاينىڭ ئاخىرىغىچە سوتكىلىق ئوتتۇرىچە ھاۋا تېمپېراتۇرىسى ℃40 -، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا℃70 -قا چۈشىدۇ، شۇڭا بۇ جاي شىمالىي يېرىم شارنىڭ <سوغۇق قۇتۇبى> دەپ ئاتىلىدۇ.