UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى شەھەرلەرھاۋاي تاقىم ئاراللىرى

ھاۋاي تاقىم ئاراللىرى

دۇنيادىكى شەھەرلەر تىنچ ئوكياننىڭ شىمالىغا جايلاشقان تاقىم ئاراللار بولۇپ، يەر مەيدانى 16 مىڭ 635 كۋادرات كىلومېتىر، ماۋئى، مولوكەي، ۋاخو، كاۋئەي قاتارلىق چوڭ - كىچىك 120 دىن ئوشۇق ۋولقان ھەم مارجان ئاراللىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، بۇ ئاراللار غەربىي شىمالدىن شەرقىي جەنۇبقا قاراپ 3600 كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتا سوزۇلۇپ تۇرىدۇ. ئاراللار ئىچىدىكى چوڭراقلىرى، دېڭىز ئاستىدىن كۆتۈرۈلۈپ چىققان ۋولقان ئاراللىرىدىن ئىبارەت. بۇ جايدىكى ھاۋاي ئارىلىغا جايلاشقان ماۋنالو يانار تېغى دېڭىز يۈزىدىن 4170 مېتىر ئېگىز، كىلاۋى يانار تېغى 1247 مېتىر ئېگىز بولۇپ، ھەممىسى ھەرىكەتتىكى ۋولقانلار ھېسابلىنىدۇ. ئەگەر ۋولقانلارنىڭ دېڭىز ئاستىدىكى قىسمىنى قوشۇپ ھېسابلىغاندا ئېگىزلىكى 8000 مېتىردىن ئاشىدۇ. بۇ جايدا داۋاملىق يانار تاغلار پارتلاپ تۇرىدۇ. ھاۋاي ئاراللىرىنىڭ ئىقلىمى تروپىك يامغۇرلۇق ئورمان ئىقلىمى بىلەن تروپىك ساۋاننا ئىقلىم تىپىغا كىرىدۇ. يىللىق ھۆل - يېغىن مىقدارى 1000-3000 مىللىمېتىر كېلىدۇ، ماۋئەي ئارىلىدا 12 مىڭ مىللىمېتىرغا يېتىدۇ. بۇ جاي دۇنيا بويىچھە ئەڭ كۆپ ھۆل - يېغىنلىق ئورۇنلارنىڭ بىرى بولۇپ، يىللىق ئوتتۇرىچە ھاۋا تېمپېراتۇرىسى ℃23 ئەتراپىدا بولىدۇ. ھاۋاي ئاراللىرىنىڭ ئاھالىسى 900 مىڭدىن ئاشىدۇ (1981)، ئاھالىنىڭ %37نى ياپونلۇقلار، % 17نى پولېنزىيىلىكلەر، % 40نى ئا ق ش لىقلار، %6 نى جۇڭگو قان سىستېمىسىدىكى ئامېرىكىلىقلار، قالغىنىنى فىلىپپىنلىقلار تەشكىل قىلىدۇ. ھاۋاي ئاراللىرىنڭ مەركىزى ھونۇلولو شەھىرى. ھاۋاي ئاراللىرىغا 5 - ئەسىردىن باشلاپ جگنۇبتىن پولېنزىيىلىكلەر كۆچۈپ كەلگەن، 1795 - يىلى كامىخا - مىخا تەرىپىدىن بويسۇندۇرۇلغان، 16 - ئەسىرنىڭ ئاخىرى ئىسپانىيە تاجاۋۇزچىلىرى بېسىپ كىرگەن، 1810 - يىلى ھاۋاي پادىشاھلىقى بولۇپ قۇرۇلغان، 1898 - يىلىدىكى ئامېرىكا - ئىسپانىيە ئۇرۇشىدىن كېيىن ئامېرىكا ئىگىدارچىلىقىغا ئۆتكەن، 1959 - يىلى 8 - ئايدا ئا ق ش نىڭ بىر شتاتى بولۇپ قۇرۇلغان. ھاۋاي خەلقلىرى ئاساسەن يېزا ئىگىلىك بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. يېزا ئىگىلىك زىرائەتلىرىدىن شېكەر قومۇشى، ئاناناس ئۆستۈرۈشنى ئاساس قىلىدۇ، بۇ خىل زىرائەتلەر يېزا ئىگىلىك كىرىمىنىڭ
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى شەھەرلەر
ھاۋاي تاقىم ئاراللىرى | UyghurWiki | UyghurWiki